ئۇيغۇر ئېلى پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇلار 2012-يىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ قېيىن بىر يىل بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېڭى بىر يىل كىرىش ئالدىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2012-يىللىق خىزمەتلەرنى پىلانلاش يىغىنلىرىنى ئېچىپ، ساھەلەر بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشلىۋەتتى. ئىقتىساد، جەمئىيەت ئامانلىقى، مۇھىت، دىنىي خىزمەتلەر قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ساھەلەر بويىچە چاقىرىلغان يىغىنلارنىڭ ھەممىسىدە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئالدى بىلەن مۇقىملىقنى تەكىتلەپ، 2012-يىلىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ھەر ساھە، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى دەپ كۆرسەتتى.
شەنبە كۈنى چاقىرىلغان «شىنجاڭ مۇقىملىق خىزمىتى» يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 2012-يىلىدىكى مۇقىملىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىم رايونلارنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى يەنىلا ئىنتايىن جىددىي ۋە مۇرەككەپ، دېگەن. ئۇ 2012-يىلى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى ۋە شۇنداقلا 2-نۆۋەتلىك ياۋرۇ ئاسىيا كۆرگەزمىسى ئېچىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېيتىپ : «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى كونترول ئاستىدا بولسىمۇ، ئەمما مۇقىملىقنىڭ ئاساسىي يەنىلا ئاجىز، بولۇپمۇ نىشانلىق رايونلارنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي ۋە مۇرەككەپ» دېگەن.
جاڭ چۈنشيەننىڭ يىغىندا قىلغان سۆزىدىكى دىققەت تارتىدىغان نۇقتا بولسا، ئۇنىڭ «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ سالمىقىنى كۈچەيتىشنى مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى» دەپ قارىغانلىقى بولۇپ، ئۇ سۆزىدە «بۆلگۈنچىلىك بىلەن كۈرەش قىلىش مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي رادىكال كۈچلەرگە ۋە پائالىيەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ تۈزەش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2012-يىلىدىكى مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش» قا چاقىرىق قىلغان.
2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدە چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەقەگە قۇتراتقۇلۇق قىلغان دەپ قارىغان بارلىق كىشىلەرنى قاتتىق جازالىدى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلى مىقياسى بويىچە كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدىن كېيىن يەنە شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنى چاقىرىپ، ئىقتىساد ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانىنى يولغا قويدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا 2009-يىلىدىن كېيىن يولغا قويۇلغان بىر قاتار ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئىش بازىرىدىكى تەڭسىز رىقابەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى ھاڭنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلغان ئىدى.
دەرۋەقە، 2011-يىلى خوتەن ۋە قەشقەرلەردە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك تەخىرسىز ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەمما جاڭ چۈنشيەننىڭ يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، مۇقىملىقنى «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش» ئارقىلىق بەرپا قىلماقچى بولۇشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2011-يىلىدىكى ۋەزىيىتىنىڭ قانچىلىك كەسكىن بولغانلىقىنى ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
جاڭ چۈنشيەننىڭ يېڭى بىر يىلدا مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللانماقچى بولغان تەدبىرلىرىنىڭ يەنە بىرى بولسا، دىنىي رادىكاللىققا ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشتۇر. شەنبە كۈنىدىكى مۇقىملىق يىغىنىدا دىنىي رادىكاللىققا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەن جاڭ چۈنشيەن ئارقىدىنلا يەنى يەكشەنبە كۈنى «دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەش » مۇھاكىمە يىغىنىنى چاقىرىپ، «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار» غا پارتىيىنىڭ سىياسىتى ھەققىدە تەلىم-تەربىيە بەرگەن. شىنجاڭ خەۋەرلىرى تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشقان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى پارتىيىنىڭ سىياسىتىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارنى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىشكە چاقىرغان. ئەمما دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلماي تۇرۇپ، دىنىي زاتلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان «قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەر» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قانداق دىنىي پائالىيەتنىڭ قانۇنسىز بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر چۈشەنچە بەرگەن ئەمەس. ھازىرغىچە ناماز ئوقۇشنى، روزا تۇتۇشنى، 18 ياشتىن تۆۋەنلەر ۋە دۆلەت كادىرلىرىنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىشىنى ۋە ھەتتا ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇشىنى، ئاياللارنىڭ ياغلىق سېلىشىنى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنى قاتتىق چەكلەپ كەلدى.
كۆزەتكۈچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ جەھەتتە قايتا-قايتا ئەسكەرتىپ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سەزگۈر ھېسسىياتى بولغان دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشى ۋە مىللىي كىملىكلىرىنى سۇسلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ رايوندىكى زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋاتقان ئامىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، يېڭى يىل كىرە-كىرمەيلا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالدى بىلەن قاتتىق زەربە بېرىش، دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش، باشقۇرۇش ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىشىنى بۇ يېڭى يىلنىڭمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قېيىن بىر يىل بولىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارىماقتا.
2012-يىللىق خىزمەتلەرنى پىلانلاش خىزمەتلىرىنىڭ باش تېمىسىنىڭ قاتتىق زەربە بېرىش ۋە مۇقىملىقتىن ئىبارەت ئىككى سۆزگە يىغىنچاقلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە تېخى يېقىندىلا قەشقەر ۋە خوتەنلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن دەرس ئالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.