ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىلگىرى، كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلان قىلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىنقى ئىگىلەشلىرىدە، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تۇغۇلغان يېرى، ئولتۇراق ئورنى، ئوقۇش تارىخى ۋە شۇغۇللانغان كەسپىي قاتارلىق بىئوگرافىك مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى. تۆۋەندە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇتەللىپ مامۇتنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.
مۇتەللىپ مامۇت؛ بۇ يىل 32 ياش بولۇپ، مەكىت ناھىيىسىدىن. ئۇ 1999-يىلى مەكىتتە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئوقۇغان. ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ناماز ئوقۇشنى باشلىغان. ئۇ بۇ سەۋەبلىك مەكتەپ ساقچىلىرى تەرىپىدىن بىر قانچە قېتىم سوراققا تارتىلغان ۋە نامازنى توختىتىشقا بۇيرۇلغان. ئەمما ئۇ ئىبادەتتىن ۋاز كەچمىگەن.
مۇتەللىپ، 2003-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، يۇرتى مەكىتتىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئىمتىھان بەرگەن. ئۇ ئىمتىھاندىن بىرىنچى بولۇپ ئۆتكەن؛ بىراق ئۇ خىزمەت توختامىنى كۆرۈپ چىقىپ خىزمەتتىن ۋاز كەچكەن. چۈنكى توختامنامىدە، ئوقۇتقۇچى بولغان كىشىنىڭ ناماز ئوقۇماسلىقى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭمۇ ناماز ئوقۇشىغا يول قويماسلىقى شەرت قىلىنغان.
مۇتەللىپ مامۇت، 2004-يىلى يۇرتىنى تاشلاپ، ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن؛ ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى چېغىدا دەرستىن سىرت ۋاقىتلىرىدا ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەن. ئۇ ئىنگلىز تىلى ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ تۇرۇپ، ئۈرۈمچى جەنۇبىي شىنخۇا يولىدىكى فۇلىخۇا ناملىق بىر بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدا مۇلازىمەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ بۇ مېھمانخانىدا 6 ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى ئىدارىسىگە قاتناش ساقچىسى بولۇپ ئىشقا چۈشكەن. ئۇ قاتناش ساقچى خىزمىتىدىكى ھەقسىزلەرنى كۆرۈپ بۇ خىزمەتتىمۇ راھەت بولالمىغان.
ئۇ 3 ئايدىن كېيىن قاتناش ساقچىلىقىدىن ۋاز كېچىپ، كوچىدا يايمىچىلىق قىلىپ قول تېلېفونى ساتقان. بىر يىل ئىچىدە ئۇنىڭ تىجارىتى روناق تېپىپ، مەخسۇس قول تېلېفونى دۇكىنى ئاچقان، 2007-يىلىغا كەلگەندە ئۇ دۇكىنىنى ئىككىگە كۆپەيتكەن؛ دۇكانلىرىدا 6 نەپەر خىزمەتچى ئىشلەتكەن. 2008-يىلىغا كەلگەندە ئۇ قول تېلېفون شىركىتىنى خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىگە يۆتكىگەن. ئۇ بۇ جايدىن ئۈرۈمچىدىن باشقا يەنە، قازاقىستان ۋە رۇسىيىگە قول تېلېفونى يوللىغان. 2009-يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇنىڭ قازاقىستانلىق بىر خېرىدارى ئۇنىڭدىن 86 مىڭ دوللار قىممىتىدە مال ئالغان. توختام بويىچە خېرىدار 20 مىڭ دوللار پۇلنى نەق بەرگەن؛ 66 مىڭ دوللار پۇلنى ساتقاندىن كېيىن بېرىدىغانغا كېلىشكەن؛ بىراق خېرىدار مالنى ئالغاندىن كېيىن دېيىشكەن ۋاقىتتا قايتىپ كەلمىگەن. مۇتەللىپ مامۇت، قازاقىستانغا بېرىپ پۇلىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن، پاسپورتقا ئىلتىماس سۇنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا پاسپورت بەرمىگەن. ئۇ مال ئېلىپ پۇلىنى بەرمىگەن خېرىدارىنىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى شېنجېندىن ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە چۈشكەن.
ئۇ ئۈرۈمچىدىكى نامايىشنى كۆرۈپ ئۆزىنى چەتكە ئالالمىغان. نامايىشچىلار قاتارىدا شاۋگۈەندە ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ھەق ۋە ئادالەت تەلەپ قىلغان. ئۇ شۇ كۈنكى ۋە ئەتىسىدىكى پاجىئەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىشقا قارار قىلغان. ئۇ بىر گۇرۇپپا دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر قاتار مۇشەققەتلىك سەپەرلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، 7-ئاينىڭ 16-كۈنى شېنجېنغا، 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋيېتنامغا ۋە 10-ئاينىڭ 19-كۈنى كامبودژاغا يېتىپ كەلگەن.
كامبودژاغا كېلىپ، ئارىدىن نەق ئىككى ئاي ئۆتكەندە خىتايغا قايتۇرۇلغان. ئۇ 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى سوتقا تارتىلىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، مۇتەللىپ سوت كۈنى ھۆكۈمەت تەرەپتىن بەلگىلەنگەن ئادۋوكاتلارنىڭ ئاقلىشىنى رەت قىلغان. ھۆكۈم 2011 -يىلى سېنتەبىردە ئىجرا قىلىنغان. ئۇ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى 1-تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.