مەلۇم بولۇشىچە 12 نەپەر ئۇيغۇر، بۇلتۇر 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى تۈركىيىدىن پاكىستانغا قاراپ يولغا چىققان. ئۇلار ئاپتوبۇس ئارقىلىق ئىراندىن ئۆتۈپ پاكىستاننىڭ بېلۇچىستان ۋىلايىتىگە كەلگەندە، پاكىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلار تۇتقۇن قىلىنغاندا، يانلىرىدا 4 نەپەر تۈرك ۋەتەندىشىمۇ بار بولۇپ، تۈرك تۇتقۇنلاردىن مۇجاھىد ئەلۋەردى ئەتىسى تۈركىيىدىكى ئائىلىسىگە تېلېفون قىلىپ، شەرقى تۈركىستانلىق 12 قېرىندىشىغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 12 ئۇيغۇرنىڭ 4 نەپىرى ئەر، 3 نەپىرى ئايال، 5 نەپىرى نارەسىدە بالا. ئۇلار بۇلتۇر 6-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ سائەت 9 دا بېلۇچىستاننىڭ كۋاتتا شەھىرىنىڭ جانباز دېگەن يېرىدە تۇتۇلغان. ئۇلار شۇ كۈنى جانبازدىكى ساقچى پونكىتىغا قامالغان. ئانىلار ۋە بالىلار ئەتراپتىكى بىر دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تۇتقۇنلار بۇ جايدا ساقچىلارنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئۇچرىمىغان. ئۇلار ئالدى بىلەن كۋاتتا شەھىرىگە، ئۇ يەردىن پايتەخت ئىسلامئابادقا يۆتكەلگەن. ئىسلامئابادقا يۆتكەلگەندە يۈزلىرى قارا لاتا بىلەن ئورىلىپ، پۇت قوللىرى كىشەنلەنگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلغان. ئەسلىدە تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار سەپەر ئۈستىدە تونۇشقان بولۇپ، ئۇلار ئىسلامئابادقا ئاپىرىلغاندا تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن.
تۇتقۇن مۇجاھىد ئەلۋەردى دادىسى سالىھ ئەلۋەردىگە تېلېفوندا مۇنداق دېگەن: مېنىڭ قولۇمدا پاسپورتۇم بار، يېنىمدا پۇلۇممۇ بار، شۇڭا مېنىڭدىن ئەندىشە قىلماڭلار، ئەمما بۇ 12 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى باشقىچە. ئۇلارنىڭ پاسپورت ۋە ۋىزا رەسمىيەتلىرى تولۇق ئەمەس، ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. شۇڭا بۇلارنىڭ ئەھۋالىنى تەشكىلاتلارغا ۋە ئەلچىخانىمىزغا بىلدۈرۈڭلار.
سالىھ ئەلۋەردى ئوغلىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ئەھۋالنى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە تۈرك ئەلچىخانىسىغا بىلدۈرگەن. 12 ئۇيغۇر تۈرك ۋەتەندىشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن تۈرك ئەلچىخانىسى ئۇلارغا ياردەم قىلىشتا چارىسىز قالغان.
تۈركىيىنىڭ ئىسلاماباتتىكى ئەلچىخانا خادىمى 12 ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇلغانلىق ئەھۋالىنى ئۆزىنىڭ 4 ۋەتەندىشىدىن ئۇققانلىقىنى، ئەمما پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قالغان 12 ئۇيغۇر ھەققىدە ئۆزلىرىگە مەلۇمات بەرمىگەنلىكىنى، شۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ قولىدا تۈرك پاسپورتى يوقلۇقىنى، شۇڭا ۋەقەگە ئېچىنغان بولسىمۇ، ياردەم قىلىشقا چارىسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئارىدىن 40 نەچچە كۈن ئۆتكەندە، تۈرك تۇتقۇنلار تۈركىيىگە قايتۇرۇلغان. ئىگىلىشىمىزچە، ئۇلار نۆۋەتتە يۇرتلىرىدا ئۆز ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ياشىماقتا. ئەمما 12 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە شۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق بىر ئىز-دېرەك بولمىغان.
يېقىنقى يىللاردىن چەتئەلگە چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلار بەزىلىرى ھاياتىي بىخەتەرلىكى تەھدىتكە دۇچ كەلگەندە خەتەردىن قۇتۇلۇش، بەزلىرى ۋەتەن ۋە مىللەت مەنپەئىتى ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدەش، يەنە بەزلىرى بولسا پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، بەزىلىرى تىرىكچىلىك ئۈچۈن بولۇپ، تۈرلۈك مەقسەت ۋە تۈرلۈك پىلانلار بىلەن ھىجرەت قىلماقتا.
12 ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇلغان جايىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ پاكىستاندىن ئافغانىستانغا ئۆتۈش سەپىرىدە تۇتۇلغانلىقى ئايان، ئەمما ئايال ۋە بالىلار بىلەن تۇتۇلغانغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىگە قايتىش سەپىرىدە تۇتۇلغانلىقى مەلۇم. ئۇلارنىڭ پاسپورت ۋە ۋىزا رەسمىيەتلىرىدىكى يېتەرسىزلىك سەۋەبىدىن تۇتۇلغانلىقى ياكى سىياسىي ۋە ياكى ھەربىي گۇمانلار بىلەن تۇتۇلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئۆتكەن ھەپتە پاكىستاندىن قايتۇرۇلغان 5 ئۇيغۇرنىڭ ئارىسىدا 1 ئايال ۋە 2 بالىنىڭمۇ بۆلىشى، بۇلارنىڭ ئەنە ئاشۇ 12 ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.