1971-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلۇپ، كېيىن قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانلاردا تىجارەت قىلغان ئەزىز تۇرسۇنتاي 2000-يىلى ئالماتادا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن قازاق ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئامىنە تۇرغۇنوۋا ئەزىز تۇرسۇنتاينىڭ سوتىغا بىۋاسىتە قاتناشقان بولۇپ، ئەزىز تۇرسۇنتاي توقۇنۇشتا ساقچىلارنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار بىلەن ئالاقىسى بولغان دەپ قارىلىپ، تېررورىست سۈپىتىدە تۇتۇلۇپ، كېسىم ئېلان قىلىنغان. تېخى يېڭىلا ئۆيلەنگەن ئەزىز تۇرسۇنتاينىڭ ئايالىمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلغان.
جازا مۇددىتىنى ئەڭ دەسلەپ قازاقىستاننىڭ ئەڭ سوغۇق رايونلىرىدىن بىرى بولغان ئالتايغا يېقىن بىر رايونىدا ئۆتىگەن ئەزىز تۇرسۇنتاي بىر نەچچە نۆۋەت باشقا تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەن ۋە جازا مۇددىتى ئاخىرلاشقۇچە قازاقىستاننىڭ جامبۇل ۋىلايىتىنىڭ تاراز شەھىرىگە جايلاشقان «ZD-158-4» نومۇرلۇق تۈرمىگە قامالغان. ئۇ، تۈرمىدىكى چېغىدا دوستلىرى ۋە ئامىنە خانىم بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزمىگەن. ئەمما بۇ يىل ئۇ دوستلىرىغا ۋە ئامىنە تۇرغۇنوۋاغا ئەمدى ئۆزى بىلەن ئالاقە قىلماسلىقنى، بولمىسا بىخەتەرلىكىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى، تۈرمىدىن چىقىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئامىنە خانىم ئۇنىڭ قايسى تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىدا، ئۇ ئۆزى چىقىشتىن بۇرۇن ئۇقتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئامىنە خانىم خىتايلارنىڭ ئەزىز تۇرسۇنتاينى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ ئويلىماسلىقى ئۈچۈن ئەزىز تۇرسۇنتاينىڭ ئالاقە قىلماسلىق تەكلىپىنى ماقۇل كۆرگەن. كېيىن ئەزىز تۇرسۇنتاينىڭ دوستلىرىدىن ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ۋە ئىزدەپ يۈرۈپ ئاخىرى، ئالماتا شەھىرىدىن 700 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاراز شەھىرىدىن ئەزىز تۇرسۇنتاي قامالغان تۈرمىنى تاپقان. بۇ شەھەردە جەمئىي ئون تۈرمە بولۇپ ئەزىز تۇرسۇنتاي قامالغان تۈرمە ئەڭ ئېغىر جىنايەتچىلەرنىڭ تۈرمىسى ھېسابلىنىدىكەن. ئامىنە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ تۈرمە ھەم سوغۇق ھەم مەينەت ئىكەن.
تۈرمە ساقچىلىرى ئامىنە تۇرغۇنوۋا خانىمغا ئەزىز تۇرسۇنتاينىڭ ئۆز تەلىپىگە يارىشا 19-نويابىر كۈنى خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى ۋە چېگرادا ئۇنى خىتاي ھەربىيلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ، رۇسچە يېزىلغان ئىلتىماس خېتىنى كۆرسەتكەن. ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئىلتىماس خېتىنى ئەزىز تۇرسۇنتاي تۈرمە دائىرىلىرىگە يازغان بولۇپ، خېتىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ غۇلجا شەھىرى ئىككىنچى رايون، 48-قورۇدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى يازغان ھەم ساقچىلاردىن ئۆزىنى ئائىلىسىگە ئاپىرىپ قويۇشىنى ئۆتۈنگەن. ئەمما قىزىق يېرى شۇكى، ئەزىز تۇرسۇنتاينىڭ رۇسچە بىلمەيدىغانلىقى مەلۇم ئىكەن.
بىز ئامىنە تۇرغۇنوۋا خانىمدىن بۇ ئىشتا خىتاينىڭ قولى بار يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بىزگە بۇ خىل ئېھتىماللىقنىڭ بار ياكى يوقلۇقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما يوق دېيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىمىزنى ئامىنە تۇرغۇنوۋا خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزدىن ئاڭلىغايسىلەر. ئەزىز تۇرسۇنتاي ھەققىدىكى خەۋىرىمىز داۋاملىق ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.