مالايشىيادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» ئارتىلغان

بۇلتۇر مالايشىيادىن قايتۇرۇلغان 11 ئۇيغۇرغا «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» ئارتىلىپ، ئوخشىمىغان قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى مەلۇم. ئەمما، جازالانغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە دوستلىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

0:00 / 0:00

11 ئۇيغۇر قولغا ئېلىنغاندا ئۇلار ئۈچۈن مالايشىيادا خىزمەت قىلغان مالايشىيالىق ئادۋوكات ۋە ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ تۆھمەت قىلغانلىق مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتاي ۋە مالايشىيا ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

2011 يىلى مالايشىيا قولغا ئېلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ ئىچىدە ئەينى چاغدا 30 ياشلىق قۇربانجان سىراجىدىن ئەخمەتسادىق، مالايشىيادىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاشخانا ئېچىپ قانۇنلۇق تۇرغىنىغا 5 يىل بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى مالايشىيالىق ئىدى. ئۇ، ئىنگلىزچە ۋە مالاي تىللارغا پۇختا بولغانلىقتىن، مالايشىياغا كەلگەن ھەمدە ئۆزى بىلەن بىللە قولغا ئېلىنغان 13 ئۇيغۇرغا تەرجىمانلىق قىلىشىپ بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى قۇربانجان ئۈستىدىن بۇ يىل 7-ئايدا سوت ئېچىپ، «دۆلەتنى پارچىلىماقچى بولغانلارغا ياردەم قىلىپ دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان» دېگەن جىنايەت بىلەن 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. قۇربانجان ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھۆكۈمگە نارازى بولۇپ توختىماي ئەرز قىلغانلىقتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا 6 يىللىق قاماق جازاسىنى 3 يىلغا چۈشۈرگەن. قۇربانجاننىڭ ئانىسى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، ئوغلىنىڭ ناھەقچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، قۇربانجان بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسىلا ھاياتلىق يولى ئىزدەپ مالايشىياغا كېلىپ قالغانلار بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھېچقانداق سىياسىي ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانمىغان. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدىكى قۇربانجان سىراجىدىن ئەخمەت سادىق، فامىلىسى نامەلۇم بولغان ئابدۇللا، مەخمۇتجان قاتارلىق 11 ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلغان.

مالايشىيا ساقچىسى 11 ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، «فرانسىيە گېزىتى» گە بەرگەن زىيارىتىدە، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ پەقەتلا چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەنلىكىنى ئېيتقان. ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئادەم قاچۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى، ھېچقانداق سىياسىي گۇرۇپپا ياكى تەشكىلاتقا تەۋە ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئەمەسلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

ئامما، مالايشىيالىق ئادۋوكات ئەنۋەر ئىسمائىل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مالايشىيا ساقچىلىرىغا سۇنغان دوكلاتىدا قولغا ئېلىنغان 14 ئۇيغۇرنى «تېررورچى» دەپ ئەيىبلىگەن بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىگە ھېچقانداق ئىسپات كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە، بۇ كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلغۇدەك گۇناھى يوقلۇقىنى، ئۇلارنىڭ يالغان پاسپورت سېتىپ بېرىلىپ باشقىلار تەرىپىدىن ئالدانغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولغىنىمىزدا، مالايشىيا ساقچى ئىدارىسىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش بۆلۈمى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى.

قولغا ئېلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار بىلەن مالايشىيادا يېقىن ئۆتكەن بىر ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئەنسىرەپ كەتكۈدەك خەتەرلىك ئادەملەر ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى فىلىم كاينې 11 ئۇيغۇر توغرىسىدا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ 11 ئۇيغۇرنىڭ قايتۇرۇلۇش سەۋەبلىرىنى ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق «تېررورچى» ۋە «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» غا ئوخشاش قالپاق كىيدۈرىدىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.