8-ئاينىڭ 10-كۈنى باش شتابى گېرمانىيىنىڭ گۆتىنگەن شەھىرىگە جايلاشقان خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 9-ئاۋغۇست كۈنى بەش نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. بايانات «پاكىستان ھۆكۈمىتى بەش نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئەرزانلا سېتىۋەتتى. بۇ بەش نەپەر ئۇيغۇر خىتايلار تەرىپىدىن ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا، ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن» دېگەن قاتتىق ئىبارە بىلەن باشلانغان.
خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بۇ بەش نەپەر ئۇيغۇرنى ئايروپىلانغا مەجبۇرىي ئولتۇرغۇزۇپ ئۈرۈمچىگە يولغا سېلىپ قويغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆسمۈر بالىلار ۋە ئاياللار بارلىقى ھەققىدە توختىلىپ «پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى ئىنسانىيەتسىزلىك بولۇپلا قالماستىن، ئىنسان ھەقلىرىگە قىلىنغان ئېغىر تاجاۋۇز» دېگەن.
باياناتتا پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى، ھەتتا ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي سودىغا قۇربان قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان ھەمدە ئىككى ھەپتە ئىلگىرىكى قەشقەر ۋەقەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلار پاكىستاندا ئەسكىرىي تەربىيە كۆرگەن» دېگەن سۆزىنىڭ پاكىستاننى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقى، پاكىستان ھۆكۈمىتى كۈچلۈك قوشنىسىغا ياخشىچاق كۆرۈنۈپ، ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى دەسمايە قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. باياناتتا يەنە، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق قوشنىسى ۋە سىياسىي، ھەربىي تېرىكى بولغان خىتاينىڭ «مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە، رادىكال دىنىي كۈچلەرگە ۋە تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكەتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى يانا براندت خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا پۈتۈنلەي زىت ئىكەنلىكىنى ۋە خىتايغا قايتۇرۇلغان بەش نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى بالا ۋە بىر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ بەش نەپەر ئۇيغۇرنى نېمە ئۈچۈن خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق بىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىلىدىغانلىقىنى، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ 30-، 31-ئىيۇل يۈز بەرگەن قەشقەر ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدىغانلىكى مەلۇماتلارنى توپلاشقا تېرىشىۋاتقانلىقىنى ھەمدە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ب د ت، ياۋروپا پارلامېنتى قاتارلىق ئورگانلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يولىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
قۇرۇلتاينىڭ پروگرامما يېتەكچىسى يانا براندت خانىم، ئۇيغۇر سىياسىي قاچاقلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش مەسىلىسىنىڭ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە چارە تېپىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، مەيلى كامبودژادىن بولسۇن، مەيلى قازاقىستاندىن بولسۇن، مەيلى ئۆزبېكىستاندىن بولسۇن ياكى باشقا ئەللەردىن بولسۇن، خىتايغا قايتۇرۇلۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنىڭ بىردەك ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولۇۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىلەرگە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى پەقەتلا نارازىلىق بىلدۈرۈپ قويۇش بىلەنلا چەكلەنسە بولمايدىغانلىقىنى سۆزلىدى.
سىياسىي ئەربابلارنى تۇتۇپ سولايدىغان، سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغان خىتايدەك مۇستەبىت بىر دۆلەتكە سىياسىي قاچقۇنلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئۇ دۆلەتلەر بىلىدۇ. لېكىن، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىنى كىشىلىك ھوقۇقتىن، ئىنسانپەرۋەرلىكتىن ئۈستۈن تۇتىدىغان بۇ دۆلەتلەرنى جىنايى قىلمىشلىرى تۈپەيلى جازالايدىغان خەلقئارالىق ئاكتۇئال بىر قانۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق بەختسىزلىكلەردىن ساقلىنالىشى ناھايىتى تەس. 1990-يىللاردىن ھازىرغا قەدەر ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىن ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا زادى قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ئېنىقلاشقا تېگىشلىك مەسىلە، دەيدۇ يانا خانىم.