قازاقىستاندا لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈش مەسىلىسى بەس - مۇنازىرىگە ئايلانماقتا
2013.01.25
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف جۇمھۇرىيەت خەلقىگە يوللىغان «قازاقىستان - 2050 - يىل ئىستراتېگىيىسى» دە 2025 - يىلغىچە قازاق ئېلىپبەسىنى لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشنى تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن، يەرلىك ۋە چەتئەل ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ ھەققىدە ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، ئۇلاردا بولۇپمۇ قازاقىستانلىق زىيالىيلارنىڭ كۆز قاراشلىرى بېرىلگەن.
يېقىندا «سېنتىر ئاسىيا» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان كېنژىې تاتىليانىڭ «قازاق تىلىنىڭ لاتىنچە ھەۋەسلىرى. مەدەنىيەت دەزلىرىنىڭ ئاقىۋەتلىرى» ناملىق ماقالىسىدە تىل مەسىلىسىنىڭ ھەر قانداق بىر مەملىكەتنىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، يەنە بىر تەرەپتىن، قازاق مىللىتىنىڭ 20 - ئەسىردىكى تارىخىي يولى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ھېسابقا ئالغان ھالدا، بۇ يۆنىلىشتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ قارىمۇ - قارشى پىكىرلەرگە، ئويلارغا ۋە باھالارغا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنىڭ تەبىئىيلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، بىر قاتار ئالىملارنىڭ بۇ ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن، پەلسەپە پەنلىرىنىڭ نامزاتى قاناغات ژۇكېشېف قازاق تىللىق مەدەنىيەت مەملىكەتتىكى رۇس تىللىق ئاھالىنىڭ تەلەپلىرىنى قانائەتلەندۈرمىگىچە لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا مىللەتنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىن بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە يانداشقان تەغدىردىلا لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈشنىڭ سەلبىي ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەمدى سەنئەتشۇناس زېمفىرە يېرژان قازاقلارنىڭ ئاخىرقى يۈز يىل ئىچىدە ھەم ئەرەپ، ھەم لاتىن، ھەم سلاۋيان يېزىقلىرىدا يېزىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈشنىڭ كېلەچەكتە قازاق تىلىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە، تەرەققىياتىغا ئىجابىي تەسىر قىلىدىغانلىقىنى، ئەمدى قازاقىستانلىقلارنىڭ بۇ يېزىقنى ئىگىلىشىگە قانچىلىك ۋاقىتنىڭ كېتىدىغانلىقىنى زامان كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ شۇنداقلا لاتىنغا ئۆتۈشنىڭ قازاقلارنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ مەسىلىگە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قانداق قارايدۇ؟ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تىلشۇناس ئالىملار، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتلىرى ئوكتەبىر جامالىدىنوف ۋە رۇسلان ئارزىيېفلار بۇ ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.