مۇستاپا چوقاي بۈگۈنكى كۈندە قازاق مىللەتپەرۋەرلىكىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدى. ھەتتا يېقىندا قازاقىستاندىكى بىر كىنو شىركىتى مۇستاپا چوقاي ھەققىدە بىر فىلىم ئىشلىگەن بولۇپ، مەزكۇر فىلىم قازاقىستان، فرانسىيە قاتارلىق جايلاردا سۈرەتكە ئېلىنغان. سوۋېت ئىتتىپاقى 70 يىل دۈشمەن تەرىقىسىدە چەكلىگەن مەزكۇر شەخس ئاخىرىدا بۈگۈنكى كۈندە كىنو ئېكرانى ئارقىلىق جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن شۇنىڭدەك فىلىمدە مۇستاپا چوقاي قانداقتۇر، گىتلېر فاشىزىمى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان شەخس ئەمەس، بەلكى، 180 مىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۈركىي ئىنسانلىرىنىڭ ھاياتىنى گىتلېر لاگېرلىرىدىكى ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرغان ھەمدە ئۇلارنى مۇستەقىللىق غايىسىگە يېتەكلىگەن شەخس سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
قازاقلار يەنە مۇستاپا چوقاينىڭ پارىژدا تۇرغان ئۆيى ۋە قەبرىسىگە خاتىرە تاختىسى ئورناتتى شۇنىڭدەك مەزكۇر شەخس ھەققىدە ئونلىغان ماقالىلار ۋە كىتابلار يېزىپ نەشىر قىلدى.
ئۇنداقتا مۇستاپا چوقاي كىم؟
مۇستاپا چوقاي، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن ئويغانغان، سىياسىي ۋە مىللىي ئاڭ بىلەن تەربىيىلىنىپ، بارلىق تۈركىي خەلقلەرنى چار رۇسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن بىر دۆلەت قۇرۇش غايىسىنى كۆڭلىگە پۈككەن ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلغان شەخس ئىدى.
مۇستاپا چوقاينىڭ مىللىتى قازاق بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىنلا رۇسىيە شەھەرلىرىدە يۇقىرى مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن، رۇس تىلى ۋە رۇسىيە سىياسىتىنى ياخشى ئۆگەنگەن. 1914 - يىلى، سابىق چار پادىشاھ رۇسىيىسى دۆلەت دۇماسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلغان، ئۇزۇن ئۆتمەي ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، پەرغانە ۋادىسىغا كەلگەن ھەمدە 1917 - يىلى چار پادىشاھ ئاغدۇرۇلغاندا، قوقەنت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، بولشېۋىكلارغا قارشى مۇستەقىللىق كۈرىشى ئېلىپ بارغان شۇنىڭدەك باشقا سەبداشلىرى بىلەن بىرلىكتە قوقەنت مۇستەقىل ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ، لېنىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت رۇسىيىسىگە بويسۇنماي، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش ئېلىپ بارغان. بىراق بۇ ھۆكۈمەت بولشېۋىك ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلەشمەستىن ياۋروپاغا كېتىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ياۋروپادا سىياسىي دەۋا ئېلىپ بارغان.
مۇستاپا چوقاي فرانسىيىدە " ياش تۈركىستان " ژورنىلى نەشىر قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگۈزگەن. مەزكۇر ژورنالنىڭ 1933 - 1937 - يىللىرىدىكى سانلىرىدا ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىمۇ كۆپ مەزمۇنلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇستاپا چوقاي قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپلا قالماستىن بەلكى بۇ ھۆكۈمەتنى مەنىۋى جەھەتتىن قوللىغان.
مۇستاپا چوقاي ۋە تۈركىستان قوشۇنى
بىراق، ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى باشلانغاندا، 1940 - يىلى گېرمانىيىسى پارىژنى ئىشغال قىلغاندا، قولغا ئېلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي قويۇپ بېرىلگەن. 1941 - يىلى، گىتلېر سوۋىت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندا نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا ئاسىيالىق سوۋېت ئەسكەرلىرى گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەن. گىتلېر گېرمانىيىسى بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن، مۇستاپا چوقاينى تەرجىمانلىققا چاقىرغان. بۇ ۋاقىتتا گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ ئىشغال قىلىنغان جايلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ باشلىقى ئالفرېد پوزېنبېرگنىڭ "تۈركىستاننى سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتى ئاستىدىن ئازاد قىلىش" دېگەن شوئارىنى ھەمدە "بۈيۈك تۈركىستان" قۇرۇش سىياسىي لايىھىسىنى پىلانلايدۇ.
مۇستاپا چوقاي بۇ پىلانغا قوشۇلۇپ، ئەسىرلەر لاگېرلىرىغا بېرىپ، ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئەسىرلەرنى تۈركىستان قوشۇنىغا قاتنىشىشقا چاقىرىپ كوپ خىزمەت ئىشلەيدۇ ھەمدە تۈركىستان مىللىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولىدۇ. لېكىن، ئۇ گىتلېرنىڭ لايىھىسىدىن ئۈمىد ئۈزۈپ، ئۇنىڭغا قارشى چىقىدۇ ھەمدە سىرلىق تۈردە ئۆلتۈرۈلىدۇ. گىتلېر گېرمانىيىسى مۇستاپا چوقاي ( قازاق) ۋە ۋەلى قەيۇمخان (ئۆزبېك) باشچىلىقىدا تۈركىستان قوشۇنى قۇرۇپ، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىگە قارشى، كېيىنرەك، سلوۋېنىيە، يۇگوسلاۋىيە، ئىتالىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئۇرۇشلارغا سالىدۇ. تۈركىستان قوشۇنى ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تاجىك، تۈركمەن، ئۇيغۇر، قارا قالپاق ھەم باشقىلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلار بىردەك ھالدا ستالىن تەرىپىدىن "ۋەتەن خائىنلىرى" دەپ ئاتالغان ھەم قايتىپ كەلگەنلىرى ئېتىپ تاشلانغان ئىدى.
لېنىن ۋە ستالىننىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى سۈپىتىدە كۆرۈلگەن مۇستاپا چوقاي بۈگۈنكى كۈندە قازاقلارنىڭ مىللىي قەھرىمانى سۈپىتىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە، ئەكسىچە لېنىن ۋە ستالىنلار مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان گۇناھكارلار تەرىقىسىدە ئەيىبلەنمەكتە.