0:00 / 0:00
بۇ جامائەتچىلىك ئىچىدە، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تالاش-تارتىش قوزغىغان. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي قازاقىستاننىڭ بىر قاتار ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلىقلىرى مەملىكەت رەھبىرى، ھۆكۈمەت باشلىقى، پارلامېنت سېناتى ۋە مەجلىسى، پۈتكۈل قازاقىستانلىقلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، رۇس تىلىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، قازاق تىلىنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە بىر قاتار مۇھىم ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەكلىپلىرىنى بەرگەن.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن زېرىپ مولوتوف ۋە رۇسلان ئارزىيېفلار مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.