قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى مىللىي ئىتتىپاقلىقنى قوغداشقا تىرىشماقتا

يېقىندىن بېرى قازاقىستاندىكى تار مىللەتچى پارتىيە -گۇرۇھلار، ئۆكتىچى مەتبۇئاتلارنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلىدىغان ئىش - ھەرىكىتى كۈچىيىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلاردا جىددى ئەنسىزلىك ياراتقان.

0:00 / 0:00

بۇ تۈردىكى ئىش ھەرىكەتلەر قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسى ۋە ناھىيە ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر يېزا - كەنتلىرىدە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىكى ئۇيغۇر يېزىقلىرىنى ئېلىۋېتىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلەنگەن.

ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىن ئەندىشە قىلغان ئۇيغۇرلار يېقىندا قازاقىستان خەلقلەر كېڭەشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېرالى توختانوپ بىلەن مەخسۇس بۇ مەسىلە ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، ئېرالى ئەپەندى قازاق - ئۇيغۇر دوستلۇقىنى بۇزۇشقا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئالماتادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.