مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇلاھىزىچىلەر ئاھالىلەر ئارىسىدا يۈرگۈزۈلگەن راي سىناش ئاساسىدا توپلانغان مەلۇماتلارغا تايىنىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، موشۇ يىلنىڭ ماي ئېيىدا 18 ياشتىن يۇقىرى بولغان مىڭ ئادەم ئىچىدە مەخسۇس راي سىناش يۈرگۈزۈلگەن. بۇ جەرياندا ئۇنىڭغا قاتناشقۇچىلارنىڭ جىنسى، ياش، ماكان - جايى ھەم مىللىي كېلىپ چىقىشى ئوخشاش ئالاھىدىلىكلىرى ھېسابقا ئېلىنغان بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەت بىر نەچچە سوئاللار بويىچە ئېلىپ بېرىلغان.
«سىز، مىللەتلەر ئارا رازىمەنلىكنى تەمىنلەشتە دۆلەت سىياسىتىنى قانداق باھالار ئېدىڭىز» دېگەن سوئال بويىچە ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىنىڭ 93،8 پائىزى ئىجابىي جاۋاب بەرگەن بولسا، ئۇنىڭ ئىچىدىن 62،5 پائىزى قازاقستاندىكى مىللىي سىياسەتنىڭ بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى، 79 پائىزى ھەر قانداق مىللىي كەمسىتىشنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا سورالغانلارنىڭ يېرىمى دېگىدەك قازاقستاندا ھېچبىر مىللەتنىڭ بىرەر ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەسلىكىنى، بارلىق مىللەتلەر ئۈچۈن بىردەك ھوقۇقلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، 27 پائىزى بولسا قازاق ئېتنوسىنىڭ مەدەنىيەت، ئەنئەنە، ئۇرپ - ئادەت ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئىمتىيازلىرى ھېسابقا ئېلىنغان ھالدا، كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
مەزكۇر سوئال - جاۋاب نەتىجىسىدە تىل مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ 83،7 پائىزى دۆلەت تىلىنى ھەر خىل دەرىجىدە، شۇ جۈملىدىن 58،2 پائىزى قازاق تىلىنى يۇقىرى ۋە يېتەرلىك دەرىجىدە بىلىدىكەن، پەقەت 17 پائىزىلا دۆلەت تىلىنى بىلمەيدىكەن.
«مىللىي كېلىپ چىقىشىڭىز جەھەتتىن ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن ئۆچمەنلىك مۇناسىۋىتىنى سەزدىڭىزمۇ » دېگەن سوئال بويىچە سورالغانلارنىڭ 77،6 پائىزى «ياق، ھېچقاچان» دەپ جاۋاب بەرسە، 20،2 پائىزى «بەزى ئەھۋاللاردا» دەپ جاۋاب بەرگەن. سورالغانلارنىڭ 88،9 پائىزى قازاق ئەمەس مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىنى ئۈگىنىشتە ۋە پايدىلىنىشتا، 92،2 پائىزىنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى تەرەققىي ئەتتۈرۈشتە، 96،7 پائىزىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشتا ھېچقانداق توسالغۇنىڭ يوقلۇقىنى تەستىقلىگەن. سورالغانلارنىڭ 60،5 پائىزى ئۆز ماكان جايلىرىدا دىنىي ۋەزىيەتنىڭ خاتىرجەملىكىنى، 35،7 پائىزى دىنىي ۋەزىيەتنىڭ ساغلاملىقىنى، پەقەت ئىككى پائىزىلا كەسكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. يەكۈنلەپ ئېيتقاندا، مەزكۇر يۇمىلاق ئۈستەل قاتناشقۇچىلىرى بۇ مەلۇماتلارنىڭ قازاقستاندىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ تۇراقلىقىنى بىر قەدەر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەردە ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارنى دايىم ھېسابقا ئېلىپ، ئانالىز قىلىپ تۇرۇشىمىز ھەم شۇ ئارقىلىق دۆلەت مىللىي سىياسىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يۆنىلىشىنى بەلگىلىشىمىز كېرەك، دېگەن قارارغا كەلگەن.
يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يورۇتۇلغان يەنە بىر مەسىلە، ئالماتا شەھىرىدە قازاقستان خەلقى ئاسسامبلىيىسى يېنىدىكى ئىلمىي ئانالىز كېڭىشى تەرىپىدىن «نۇرسۇلتان نازاربايېف، تىنچلىق ھەم جەمئىيەتلىك رازىمەنلىك ئىدىيىسى» ۋە «قازاقستان خەلقى ئاسسامبلىيىسى: تارىخىي ئوچېرك» ناملىق ئىككى كىتابنىڭ تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىدۇر. موشۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقستان خەلقى ئاسسامبلىيىسى كېڭىشى بىلدۈرۈش ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا قازاقستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى پرېزىدېنتى ن. نازاربايىفنىڭ رەھبەرلىكىدىكى دۆلەتنىڭ تاشقى ۋە ئىچكى سىياسىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقانلىقى، شۇنىڭ ئارقىسىدا قازاقستاننىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى رولىنىڭ بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقانلىقى، بۇنىڭدا قازاقستان خەلقى ئاسسامبلىيىسىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا مەزكۇر ئاسسامبلىيە كېڭىشى قازاقستان خەلقىنى نۇرسۇلتان نازاربايىف ئەتراپىغا ئۇيۇشۇشقا، ئىتتىپاق بولۇشقا ئۈندىگەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.