لوندون ئولىمپىك ئويۇنىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن قازاقىستانلىقلار ھەققىدە قارىمۇ-قارشى پىكىرلەر پەيدا بولماقتا

قازاقىستان تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ خەلقئارا مۇسابىقىلەردە دائىم ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆز ئېلىنىڭ تەنھەرىكەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلگەنلىكى ياخشى مەلۇمدۇر.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىمقى لوندوندا ئۆتۈۋاتقان ئولىمپىك ئويۇنلىرىدىمۇ قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچىلەر دەسلەپكى ئالتۇن مېداللىرىغا مۇيەسسەر بولدى.

مەلۇمكى، قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچىلەر 25 تەنھەرىكەت تۈرى بويىچە 115 مۇسابىقىنى يېڭىۋالغان بولۇپ، مەملىكەتنىڭ تەنھەرىكەت ئاگېنتلىقى شۇنداقلا بەزى ئانالىزچىلارنىڭ تەخمىنلىرى بويىچە، قازاقىستان لوندوندا ئاساسەن بوكس، چېلىشىش، دزيۇدو ۋە ئېغىر ئاتلېتىكا تۈرلىرى بويىچە ئومۇمەن 13 مېدال، شۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئالتۇن مېدال ئېلىشنى پىلانلىغان ئىدى. ئۆتكەنكى بېيجىڭ ئولىمپىك ئويۇنلىرىدا بولسا قازاقىستان ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. بولۇپمۇ قازاقىستانلىق بوكس ماھىرلىرىنىڭ لوندون ئولىمپىك ئويۇنلىرىدا ياخشى كۆرسەتكۈچلەرنى نامايىش قىلالايدىغانلىقىغا ئۈمىدلەر بىلدۈرۈلمەكتە.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۈگۈنگە قەدەر قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچىلەردىن ئالېكساندىر ۋىنوكۇروف ۋېلوسىپېد مۇسابىقىسى بويىچە، زۇلفىيە چىن شەنلو ۋە ماييا مانېزا ئېغىر ئاتلېتىكا بويىچە ئالتۇن مېداللارنى ئالغان بولۇپ، بۇ ۋەقە كۆپلىگەن قازاقىستانلىقلاردا ياخشى تەسىراتلار پەيدا قىلدى. ھازىرچە ئالتۇن مېدال ئالغانلار ئىچىدىن خىتاي بىرىنچى ئورۇندا، ئا ق ش بولسا ئىككىنچى ئورۇندا كەلمەكتە ئىكەن. قازاقىستان سەككىزىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن.

قازاقىستان ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ مۇنداق نەتىجىلەرگە يېتىشىگە قارىماي، دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچىلەر ھەققىدە باشقىچە ئىنكاسلار پەيدا بولماقتا. «زاكون كز» تور گېزىتى «خىتايلار قازاقىستانلىق شتانكىچى چىن شەنلونى ئاشكارىلىدى. بۇ بىزنىڭ جاۋ چەنلىڭغۇ ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مەزكۇر تەنھەرىكەتچىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە خىتاي ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە باشقا مەلۇماتلارنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى ئېيتىلغان. يەنى ز. چىن شەنلونىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكى ھەم ئۇنىڭ قازاقىستان تەرىپىدىن ياللانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئەمدى «ئازادلىق» رادىئوسى بولسا «قازاقىستان مېداللىرى پەقەت خۇشاللىق سېزىملىرىنىلا پەيدا قىلمايۋاتىدۇ» دېگەن ماقالىدە يۇقىرىدا ئاتالغان ھەر ئۈچ تەنھەرىكەتچىگە مۇناسىۋەتلىك گۇمانلىق مەلۇماتلارنى بەرگەن، يەنى ئا. ۋىنوكۇروف ئىلگىرى مەنىي قىلىنغان ماددىلارنى ئىستېمال قىلغانلىقىدا ئەيىبلىنىپ، مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشتىن چەتلەشتۈرۈلگەن بولسا، ئەمدى ز. چىن شەنلو ۋە م. مانېزانىڭ خىتاي تەرىپىدىن قايتۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئېيتىلغان. ز. چىن شەنلو ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىككىنچى ئالتۇن مېدالنى قازاقىستانغا 19 ياشلىق زۇلفىيە چىن شەنلو ئېلىپ كەلدى. تەنھەرىكەتچىنىڭ كېلىپ-چىقىشىغا باغلىق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلىگەن قارىمۇ-قارشى خەۋەرلەر بار. ئولىمپىك ئويۇنلىرىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە زۇلفىيەنىڭ ئالماتادا تۇغۇلغانلىقى ئېيتىلغان. قازاقىستاندا كۆپچىلىك زۇلفىيەنىڭ مىللىتى تۇڭگان ئىكەنلىكىگە، قازاقىستان زېمىنىدا تۇغۇلۇپ ۋە خىتايدا چوڭ بولغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

ۋىكىپېدىئىدە زۇلفىيە قازاقىستان ياكى قىرغىزىستاندا تۇغۇلغان، ئاندىن كېيىن خىتايغا كۆچۈپ بارغان دېيىلگەن. يېقىندا خىتاي دۆلەت ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى زۇلفىيەنىڭ خىتايدا، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يۇڭجۇ دېگەن يېرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. ئامېرىكىنىڭ س ن ن ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ خۇنەندىكى تەنتەربىيە ئىشلىرى بويىچە خىتاي ئەمەلدارىنىڭ 2007-يىلنىڭ مارتىدا بىرلەشكەن چىنىقتۇرۇش مەزگىلىدە، قازاقىستان كوماندىسىنىڭ زۇلفىيەدىن ھەۋەسلەنگەنلىكى توغرىلىق ئەسلىگەنلىكىنى يازغان. ماقالىدە شۇنداقلا زۇلفىيەنىڭ بەش يىلغا قازاقىستان تەرىپىدىن ياللانغانلىقى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قائىدىلىرى بويىچە پۇقرالىقىنى ئۆزگەرتكەن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئۈچ يىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ يېڭى مەملىكىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

قازاقىستان ئولىمپىك مەھكىمىسى ۋەكىلى ئالېكسېي كريۇچكوف ئۆزىنىڭ «ۋېستى كز» تور گېزىتىغا بەرگەن سۆھبىتىدە، خىتاي ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ز. چىن شەنلو ھەققىدە پەيدا بولغان خەۋەرلەرنى يوققا چىقىرىپ، مۇنداق دېگەن: «بىز ئۇلارنى مەزكۇر غالىبىيەتكە پۈتۈن بىر ئولىمپىك دەۋر مابەينىدا ئېلىپ ماڭدۇق ھەم بۇنىڭغىچە ئۇلار بىزنىڭ مىللىي كوماندىمىز ئەزالىرى بولدى.»