رويتېرس ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا كۆزىتىشكە تېگىشلىك ئاچقۇچلۇق سىياسىي خەۋپلەر» تېمىلىق ئانالىزدا، ئاساسلىق قازاقىستاننىڭ نۆۋەتتىكى پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازارباېيف ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا كىمنىڭ ۋارىس تاللىنىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، قازاقىستاندىكى بارلىق ھوقۇقلارنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرگەن پرېزىدېنت نازاربايېف كەلگۈسىدە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى قازاقىستان ئىقتىسادىغا مەبلەغ سالغۇچى چەتئەللىكلەرنى ئىككىلەندۈرۈۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يىل 71 ياشقا كىرگەن نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ 7-ئايدا گېرمانىيىگە بېرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ، داۋالانغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشى بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلەرنى كۈچەيتكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە نۇرسۇلتان نازاربايېف ۋارىس قىلىپ بېكىتىش ئېھتىمالى كۈچلۈك بولغان كىشىلەر ئۇنىڭ كۈيئوغلى ۋە قازاقىستاندىكى 3 چوڭ شىركەتنىڭ باشلىقى بولغان تىمۇر قۇلىبايېف، ھازىرقى باش مىنىستىر كېرىم مەسىموف ۋە قازاقىستاننىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى قاسىم جۆمەرت توكايېف قاتارلىق 5 كىشى بولۇپ، نۆۋەتتە نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەر ئارىسىدىكى ھوقۇق كۈرىشى بىر قەدەر كەسكىن ئىكەن. ئۇنىڭدا بۇ يىل ماي ئىيىدا ئاستانادا يۈز بەرگەن بىر نەچچە قېتىملىق پارتلاش ۋەقەلىرىنىڭ نۇرسۇلتان نازاربايېفقا يېقىنلىقى بىلەن بىلىنىدىغان كىشىلەر ئارىسىدىكى ھوقۇق كۈرەشلىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
قازاقىستاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك سىياسىي خەۋپلەر ئىچىدە ھوقۇق كۈرىشىدىن سىرت يەنە، بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان چىرىكلىك مەسىلىسى ۋە شۇنداقلا قازاقىستان شىركەتلىرىدىكى باج قاچۇرۇش، توختامسىز ئىشچى ئىشلىتىشتەك مەسىلىلەرمۇ كۆرسىتىلگەن.
مۇلاھىزىدە يەنە، قازاقىستاننىڭ پاراغىتىنىڭ ئۇنىڭ نامرات قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلارنىڭ مۇقىملىقىنىڭ قازاقىستان ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، قازاقىستاننىڭ يەنە بىر قوشنىسى بولغان خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى تەسىرىنىڭ ئېشىپ بېرىشى، خىتاينىڭ قازاقىستان ئىقتىسادىغا مىلياردلارچە دوللار مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق قازاقىستاننىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئازايتېۋېتىشىمۇ قازاقىستاندىكى بولغۇسى سىياسىي خەۋپنىڭ بىرى قاتارىدا كۆرسىتىلگەن.
«قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا كۆزىتىشكە تېگىشلىك ئاچقۇچلۇق سىياسىي خەۋپلەر» ماۋزۇلۇق مۇلاھىزىدە قىرغىزىستاندىكى سىياسىي خەۋپلەر توغرىسىدا مۇنۇلار دېيىلگەن:
قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە بىردىن-بىر دېموكراتىك پارلامېنت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا تىرىشىۋاتقان بىر دۆلەت. قىرغىزىستاندا 20 يىل بويىچە مۇقىم ھاكىمىيەت تىكلەنمەي، 2 قېتىم ئىنقىلاب بولدى. يېڭى بېكىتىلگەن ئاساسىي قانۇن بويىچە، قىرغىزىستاندا بۇ يىل 10-ئايدا پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلماقچى. قىرغىزىستاندا پارلامېنت تۈزۈمىنى ئورنىتىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق بىر تۈزۈمگە قارشى چىققۇچى پارتىيىلەر مەۋجۇت. بۇ پارتىيىلەرنىڭ پارلامېنتتا يېتەرلىك ئورۇنغا ئېرىشەلمەسلىكى، ئۇلارنىڭ تەرەپدارلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، يەنە ئىچكى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
مۇلاھىزىدە، قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئىختىلاپلاردىن سىرت، 2010-يىلى قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن شىددەتلىك ئېتنىك توقۇنۇش مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ دوكلاتلىرىدا ئەينى ۋاقىتتا ۋەقەگە قىرغىز قوراللىق قىسىملىرىنىڭمۇ ئارىلىشىپ قالغانلىقى ھەققىدىكى پاكىتلارنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما قىرغىز ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلىپ، ھازىرغىچە ۋەقەنىڭ ھەقىقىي جاۋابكارلىرىنى جازالىمىغانلىقى، شۇڭا قىرغىز ھۆكۈمىتىدە قىلدىن قىيىق كەتكەن تەقدىردە، رايوندىكى ئۆزبېكلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ئېتنىڭ توقۇنۇشنىڭ چاقماق تېزلىكىدە يېيىلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، قىرغىزىستاندىكى ئېتنىك ۋە دىنىي ئىختىلاپلار ۋە باشقا جىنايەتلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى نامراتلىق بولۇپ، قىرغىزىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئاران 887 دوللار. ئەمما ئۇنىڭ قوشنىسى بولغان قازاقىستاننىڭ بولسا 9000 دوللار. شۇڭا قىرغىزىستاندىكى نامراتلىق مەسىلىسىمۇ رايوندا رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە سەۋەبچى بولۇپ، قىرغىزىستاننىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
مۇلاھىزىدە يەنە، قىرغىزىستاندا ئامېرىكا ۋە رۇسىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي بازىلىرىنىڭ تەڭ مەۋجۇتلۇقى، بۇ ئىككى دۆلەت ھەر ئىككىلىسىنىڭ قىرغىزىستاندا سۆز ئىگىسى بولۇشنى خالايدىغانلىقى ۋە خىتاينىڭمۇ ئىقتىسادىي مەبلەغلىرى ئارقىلىق رايوندىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بېرىلگەن باياناتتا ئامېرىكىنىڭ 2014 -يىلى ماناس ھەربىي بازىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىكنى قايتا ئويلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلدۇرۇش-قىلدۇرماسلىقى يېڭى ھۆكۈمەت قارشىلىشىدىغان ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇنىڭدىن سىرت، رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى سىياسىي داۋالغۇشتىن پايدىلىنىپ، قىرغىزىستاندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ئاشۇرۇش ئېھتىمالىمۇ كۆزىتىشكە تېگىشلىك خەۋپلەر قاتارىدا كۆرسىتىلگەن.
مۇلاھىزىنىڭ ئاخىرىدا، قىرغىزىستاننىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قانداق سىياسەتلەرنى قوللىنىدىغانلىقى، خەلقئارادىن بېرىلگەن ياردەملەرنى قانداق ئىشلىتىش مەسىلىسىگە ئوخشاش بىر قاتار ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنىڭمۇ قىرغىزىستاننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىملىقى بايان قىلىنغان.