قازاقىستان قىرغىزىستانغا ئىقتىسادىي ياردەم كۆرسەتمەكتە

يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف قوشنا قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولۇپ قايتتى.

0:00 / 0:00

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ زىيارەتنىڭ نېمىنى كۆزلىگەنلىكى ھەم ئۇنىڭ ھەر ئىككى مەملىكەت ئۈچۈن قانداق پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەمدە بۇ ۋاقىتتا قىرغىزىستاندا قانداق ۋەزىيەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكى ھەققىدە قاراشلار ئېلان قىلىنماقتا. رۇسىيىنىڭ «نېزاۋىسىمايا گازېتا» تورىدا ئېلان قىلىنغان گرىگورىي مىخايلوفنىڭ «قىرغىز بىرلىكى پارچىلاندى. يەرلىك ھاكىمىيەتنى نۆۋەتتىكى قېتىم سىلكىگەندە نازاربايېف بىشكەككە كەلدى» ناملىق ماقالىسىدە نازاربايېفنىڭ قىرغىزىستانغا 20 يىل ئىچىدە دەسلەپكى قېتىم دۆلەت زىيارىتى بىلەن كەلگەنلىكى ھەم ئىككى دۆلەت ئارا مۇزاكىرىنىڭ قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خاتىرجەم بولمىغان بىر پەيتتە ئۆتۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

ماقالىدە بۇنىڭدىن سەككىز ئاي مۇقەددەم، يەنى ئۆتكەنكى يىلنىڭ 16-دېكابىر كۈنى بارلىققا كەلگەن «بىرىمدىك» يەنى بىرلىك پارلامېنت ئىتتىپاقىنىڭ 22-ئاۋغۇست كۈنى تارقىتىلغانلىقى ھەم ئومۇربېك بابانوف رەھبەرلىكىدىكى قىرغىز ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستېپاغا كېتىش خەۋپى ئالدىدا تۇرغانلىقى ئېيتىلغان بولۇپ، مەملىكەتتە تۇراقسىزلىقنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئەينە شۇ بابانوف ئەيىبلەنمەكتە. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
«بىرىنچى ۋىتسې-پرېمىيېر، ئاندىن پرېمىيېر-مىنىستىر لاۋازىملىرىنى ئىگىلىگەن ئىككى يىل مابەينىدە رىقابەتچىلىرى ئۇنى لاۋازىمىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئۇرۇندى. شەخسىنى بۇلغايدىغان ماتېرىياللار، يوشۇرۇن ئازدۇرۇشلار، پوپوزا، بارلىق ئەجەللىك گۇناھلاردا، شۇ جۈملىدىن ۋەتىنىنى ساتقانلىقىدا ھەم قىرغىز ئىنقىلابچىلىرى زېمىندىكى يامانلىقنىڭ گەۋدىلىنىشى ۋە مەملىكەتتىكى بارلىق دېگۈدەك ئاپەتلەرنىڭ گۇناھكارى ھېسابلىغان ئىلگىرىكى مەملىكەت پرېزىدېنتى قۇربانبېك باقىيېف بىلەن ئالاقە باغلىغانلىقىدا ئەيىبلىنىشلەر قوللىنىلماقتا. بابانوف پەقەت زەربىلەرنى قايتۇرۇپلا قالماي، بەلكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. ئارىلاپ بۇ شەخسىي سۈپەتلىرى، ئارىلاپ مالىيەۋىي مۇمكىنچىلىكلىرى ئارقىسىدا يۈز بەرگەن ئىدى. مەلۇم رولنى يەنە شۇنداق بىر سەۋەبمۇ ئوينىدىكى، مۇنداق پرېمىيېر مەملىكەت پرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېف ئۈچۈن پايدىلىق بولغان. شۇ نەرسىدە پايدىلىق بولغانكى، نەق بابانوف پرېزىدېنتنىڭ ئىتتىپاقدىشى، ئامما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاھالە نارازىلىقىنى ئۆزىگە توپلىغان تەنقىدنىڭ چاقماق قايتۇرغۇچىسى بولغان». ماقالە ئاپتورى بابانوفنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھەقىقەتەنمۇ بىر قاتار مۇۋەپپەقىيەتسىز ھەرىكەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەمدى «ئېكىسپرېسس-ك» تور گېزىتىدە بېسىلغان «ئەركىنلىككە ئايلانغان دوستلۇق. ن.نازاربايېف بىشكەكتە نېمە ھەققىدە كېلىشتى؟» دېگەن ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئا. ئاتامبايېف ئۆز مەملىكىتىنىڭ دائىم قازاقىستان دۆلىتى ۋە ئۇنىڭ پرېزىدېنتى تەرىپىدىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىنىپ كەلگەنلىكىنى، قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىق يىللىرىدا چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئاسمان ۋە يەردەك پەرق بارلىقىنى، پەقەتلا ئىقتىسادتا ئەمەس، بەلكى قازاقىستان تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئولىمپىك ئويۇنلىرىدىمۇ ئۆز ئېلىنىڭ كۈچىنى نامايىش قىلالىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قىرغىزىستان قازاقىستاندىن 100 مىڭ توننا ئاشلىق سورىغان، ئامما قازاقىستان ئىككى ھەسسە كۆپ ئاشلىق بېرىشنى ۋەدە قىلغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى قىرغىزىستانغا 100 مىليون كۇبمېتر گاز يەتكۈزۈش، ئالماتا-كېمىن ئېلېكتر لىنىيىسى، شۇنداقلا بىرلەشكەن ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى سېلىش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالانغان. قازاقىستان قوشنا مەملىكەتكە يەنە ئىككى مەكتەپ سېلىشقا مەبلەغ ئاجراتقان.

ماقالىدە شۇنداقلا قازاقىستاننىڭمۇ سۇغۇرۇلىدىغان سۇغا موھتاج ئىكەنلىكى ھەم بۇ مەسىلىنىڭ ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا دوستلۇق ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلەردە ھەل قىلىنىش ھاجەتلىكى ئېيتىلغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىشكەكتە تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەر پرېزىدېنتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچرىشىشى ھەمدە قىرغىزىستاندا قازاقىستان مەدەنىيىتى كۈنلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.