قازاقستان قىرغىزستانغا ياردەم بېرىش پروگراممىلىرىنى باشلىماقچى

يېقىنقى ۋاقىتلاردا قازاقىستان ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر خىل ساھەلىرىگە باغلىق مەلۇماتلار كۆپلەپ ئېلان قىلىنماقتا. قىرغىزىستاندا ئۆتكەن ئايدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، ئەلنىڭ ھەر خىل جايلىرىدا بىخەتەرلىك چارىلىرىنى كۆرۈش يۆنىلىشىدە ئىشلار قىلىنماقتا. بولۇپمۇ، قازاقىستان - قىرغىزىستان دۆلەت چېگرىسىنى مۇستەھكەملەش جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئىككى دۆلەت چېگرىسىدا ئاخىرقى ۋاقىتلاردا بەزى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

0:00 / 0:00

قازاقىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موشۇ ئاينىڭ 13 - كۈنى قازاقىستان - قىرغىزىستان چېگرىسىدا ئوق ئېتىش يۈز بەرگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شۇ كۈننىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا چونجا چېگرا ئەترىتىنىڭ "ساتы" قاراۋۇلخانىسى رايونىدا قازاقىستان چېگرىسىنى قانۇنسىز بۇزۇپ ئۆتكەن قىرغىزىستان پۇقرالىرى بىلەن قازاقىستان چېگرىچىلىرى ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزستان تەرەپتىن كەلگەن چېگرا بۇزغۇچىلار قازاقستان تەرەپتىن بىر توپ ئاتنى ھايداپ ئۆتمەكچى بولغان مەزگىلدە چېگرىچىلار تەرىپىدىن توسۇلغان. چېگرىچىلارنىڭ ئۇلارنى توختىتىپ، ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە ئۇرۇنۇشىنى رەت قىلغان جىنايەتچىلەر ئۇلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان.

قىسقا ۋاقىتلىق ئېتىشىش جەرىيانىدا، ئىككى جىنايەتچى ئۇجۇقتۇرۇلۇپ، بىرى قولغا ئېلىنغان ھەمدە بىر چېگرىچى ئېغىر يارىلانغان. قازاقىستان بىخەتەرلىك كومىتېتى مەسئۇلىنىڭ تەكىتلىشىچە، قازاقستان چېگرىچىلىرى قانۇن دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلغان ھەم جىنايەتچىلەرنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۆز بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە ئوق چىقىرىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ شۇنداقلا جىنايەتچىلەردىن ئۈچ قورال ۋە يىگىرمە ئات ئولجا ئېلىنغانلىقىنى، قازاقىستان چېگرىچىسىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئېكەنلىكىنى ھەم قولغا چۈشكەن جىنايەتچىنىڭ دۆلەت چېگرىسىنى بۇزغانلىقىنى ۋە بىرىنچى بولۇپ ئوق چىقارغانلىقىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ كۈنى ئوق ئېتىشىش بولغان جايدىن ئون بەش كىلومېتىر غەربتە قازاقىستان چېگرىچىلىرى يەنە بەش جىنايەتچىنى قولغا چۈشەرگەن بولۇپ، ئۇلار قىرغىزىستاندىن قازاقستان تەرەپكە 400 مالنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان. ئۇلارنىڭ ئىككىسى قازاقستان پۇقراسى بولۇپ، يەنە ئۈچىنىڭ پۇقرالىقى ھازىرچە ئېنىقلانماقتا. چېگرا بۇزغۇچىلاردىن ئىككى قورال تارتىۋېلىنغان.

قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەردىن كېيىن ئەلنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاھالىنى مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاش بويىچە دۇنيا جامائەتچىلىكى، خەلقئارا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن كۆپ ئىشلارنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ يۆنىلىشتە قازاقىستان دۆلىتىمۇ قېرىنداش قىرغىزىستان خەلقىگە يېقىندىن ياردەم كۆرسەتمەكتە.

قازئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەك شەھىرىگە ئورۇنلاشقان "ئالا - ئارچا" دۆلەت رېزىدېنسىيىسىدە قازاقىستان تەرىپىدىن كەلگەن ھۆكۈمەت گۇرۇپپىسى 15 - ئىيۇل كۈنى ئۆز پائالىيىتىنى باشلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلەشمە كومىسىيىسى قىرغىزستانغا ئىقتىسادى ياردەم بېرىش پىلانىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، قازاقستان بۇ ۋەزىپىنى ھۆكۈمەت رەئىسىنىڭ مۇئاۋىنى ئۆمۈرزاق شۇكىئىفكە تاپشۇرغان. شۇكىئىفنىڭ تەكىتلىشىچە، ئاستانا شەھىرىدە يېقىندا بولۇپ ئۆتكەن ياۋروئاسىيا ئىقتىسادى بىرلەشمىسى ساممىتىدىن كېيىن قازاقستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ن. نازاربايىفنىڭ قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش بويىچە كەڭ كۆلەملىك پروگرامما تۈزۈش مەقسىتىدە قازاقىستان ھۆكۈمەت گۇرۇپپىسىنى قۇرۇش قارارىنى قوبۇل قىلغان.

ئۇ شۇنداقلا بېشكەكتە بولغان ئۇچرىشىشتا قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن ئەلنىڭ مالىيە مەسىلىلىرى ھەم شۇنداقلا ئەلنىڭ جەنۇبىدىكى چىقىملارنى ئورنىغا كەلتۈرۈش، ئېنېرگىيە، سۇ، چېگرا ۋە سودا مەسىلىلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ياردەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر مىلىياردقا يېقىن ئا ق ش دوللارى كۆلەمىدە مەبلەغنىڭ ھاجەتلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇكىئىف ئۆز سۆزىنى داۋام قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا بانكىسى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى، ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا كرىزىسىغا قارشى فوندى، قىرغىزىستانغا ھەقسىز خەيرىخاھلىق ياردەم بېرىش فوندى تەرىپىدىن مەبلەغ ئاجرىتىلىشنىڭ كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ بارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پىلانىنى بىر ئاي مابەينىدە تۈزۈپ چىقىش بويىچە ئىككى تەرەپ كېلىشىمگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

قىرغىزىستاننىڭ ئازاپ چەككەن ۋىلايەتلىرىدىكى بالىلار قازاقستاندا دەم ئالىدۇ. قازئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، قازاقىستاننىڭ ھازىرقى ۋاقىتتا قىرغىزىستانغا ھەرتەرەپلىمە خەيرىخاھلىق ياردەم كۆرسىتىش پروگراممىسى تەييارلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستان قىرغىزستاننىڭ ئازاپ چەككەن ئوش ۋە جالالئاباد ۋىلايەتلىرىدىكى بالىلار مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەخسۇس بالىلار مەركەزلىرىدە دەم ئېلىش ۋە داۋالىنىش تەكلىپىنى سۇنغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئون ياشتىن ئون بەش ياشقىچە بولغان قىرغىزىستانلىق 50 بالا ئىيۇل ئېيىنىڭ ئىككىنچى ئون كۈنلىكىدىن باشلاپ جامبۇل ۋىلايىتىنىڭ "تائۇ - سامال" بالىلار سالامەتلىكىنى ساقلاش مەركىزىدە دەم ئالىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.