قازاقىستاندا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىنىڭ جاۋابكارى كىم؟

قازاقىستاندا يېقىندىن بۇيان قار ۋە تاشقىن ئاپەتلىرى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئىقتىسادىي چىقىم بولۇش بىلەن بىرلىكتە يەنە بىر قانچە ئون كىشىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئالمۇتىغا يېقىن بولغان 2500 نوپۇسقا ئىگە قىزىلئاغاچ كەنتىدە سۇ ئامبىرى يېرىلىپ كېتىش نەتىجىسىدە سۇ تاشقىنى ئاپىتى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

0:00 / 0:00

قازاقىستاندىكى "جاس جالاش گېزىتى" "ئادەم قولى بىلەن ياسالغان ئاپەت" دەپ تەسۋىرلىگەن مەزكۇر ۋەقەدە قىزىلئاغاچ يېزىسى 10 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاشقىننىڭ ئاستىدا قالغان بولۇپ، ئېغىر بالايىئاپەت مەيدانغا كەلگەن.كىشىلەر ۋەقەنىڭ بىپەرۋالىقتىن كېلىپ چىققان ئاپەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھۆكۈمەتنى ئەيىبلىمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.