0:00 / 0:00
6-فېۋرال كۈنى ئالماتا شەھىرىنىڭ "بالۇئان شولاق" نامىدىكى تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت سارىيىدا بىر ھەپتىگە سوزۇلغان 7-قېتىملىق قىشلىق ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتكەن ئىدى.
ئۇنىڭغا قاتناشقان قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئاسىيا ئويۇنلىرىنى كۈچ، گۈزەللىك ۋە ئالىيجانابلىقنىڭ غەلىبە تەنتەنىسى دەپ ئاتاپ، قازاقىستان تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئومۇمىي ھېسابتا ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر ئاسىيا مۇسابىقىسىنىڭ يەكۈنى بويىچە قازاقىستان بىرىنچى، ياپونىيە ئىككىنچى، جەنۇبىي كورىيە ئۈچىنچى، خىتاي تۆتىنچى ئورۇنلارنى ئىگىلىگەن.
ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچى ھەسەن توختاخۇنوف كۆپ قېتىم قازاقىستان ۋە خەلقئارادىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.