قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار خىتايدا ئويۇن قويۇشنى رەت قىلدى (2)

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئائىت «قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار خىتايدا ئويۇن قويۇشنى رەت قىلدى» ناملىق بۇ دوكلات «ۋېكىلىكس» تور بېتى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇن
2012.01.10
qehriman-ghojambersi-305.jpg ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ (ﺋﻮﯕﺪﺍ) 2009-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﻳﺪﺍ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﺪﺍ
RFA

ئۇنىڭدا ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنىڭ قازاقىستاندىكى قىيىن ئەھۋالى، خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى سىياسىي تەسىرى ۋە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر دۆلەتنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقى بايان قىلىنىدۇ.

قازاقىستاندا ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلار قىيىن ئەھۋالدا

قازاقىستاندىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسى خادىملىرى تەرىپىدىن، ۋاشىنگتونغا يوللانغان بۇ دوكلاتتا، تامارا خانىم رەھبەرلىكىدىكى «دۆلەتلىك ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلغانلىقى، ھازىرغىچە خېلى كۆپ ئۇيغۇرنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە يەرلەشكەنلىكى، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى قازاقىستاندىكى، سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتقانلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىدارىسى تەرىپىدىن رەسمىي مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىرنەچچە يىل كېتىدىغانلىقى، رەسمىي سالاھىيەتكە ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ ھەر زامان قازاقىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن ۋە قاقتى-سوقتى قىلىنىشقا ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

قازاقىستان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چېگراسى قاتتىق قامال قىلىنغان

دوكلاتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەدىن كېيىن، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ قازاقىستانغا كىرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەنلىكى، لېكىن خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ چېگرانى قاتتىق قامال قىلىپ، قاچقۇنلارنىڭ قازاقىستانغا كىرىشىنى قاتتىق توسقانلىقى، ھەتتا بۇ مەزگىلدە، قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېرىلىدىغان ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى توختاتقانلىقى، قىسقىسى قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ئالاھىدە ھەمكارلاشقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خىتاينى ئەيىبلىدى

دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، قازاقىستاندىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى د ئۇ ق نىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ۋە قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئابدۇرىشىت تۇردىيېفلار بىلەن، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا قارىتا، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، قەھرىمان غوجامبەردى بۇ كۆرۈشۈشتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلدا مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى سىياسىي، ئىقتىسادىي ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىپ، يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە يەنە، 1949-يىلىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى 261000 ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ ساننىڭ 8 مىليون 400 مىڭغا يەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، قەھرىمان خوجامبەردى د ئۇ ق نىڭ ئۇيغۇر سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىش ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئورنىنى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتكە كۆتۈرۈش شەرتى ئاستىدا خىتاي دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇرلار قازاقىستاندا ئاۋارىچىلىككە يولۇققان

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەدىن كېيىن، قازاقىستان بىخەتەرلىك خادىملىرى قەھرىمان خوجامبەردى ۋە ئابدۇرىشىت تۇردىيېفلارنى ئاۋارە قىلىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى توسماقچى بولغان. ئۇلار ئالماتادا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئاچقاندا، ساقچىلار ئابدۇرىشىت تۇردىيېفنى تۇتۇپ كەتكەن. قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئالماتادا د ئۇ ق نىڭ ئىشخانىسىنى ئېچىش پىلانىمۇ كۆپ قېتىم توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. قەھرىمان خوجامبەردى بۇنىڭغا «قازاقىستان خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە زىيان يېتىشتىن ئەنسىرىدى، خىتاي بولسا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەقىقىي رېئاللىقنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارا بولۇشىدىن قورقتى» دەپ باھا بەرگەن.

ئۇيغۇرلار قازاقىستاننىڭ خىتايغا مايىل سىياسىتىدىن نارازى

«ۋېكىلىكس» تور بېتى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئائىت بۇ دوكلاتقا قارىغاندا، قازاقىستاندىكى بەزى مەنپەئەت گۇرۇھلىرى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ باياناتچىسىغا ئايلانغان. بۇلاردىن بىرى پرېزىدېنت مەھكىمىسىگە قاراشلىق «قازاق ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ مەسئۇلى كونستانتىن سيروئېزھكىندۇر. بۇ شەخس 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا،خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى تەكرارلاپلا قالماستىن، بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن، ئالماتادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا 1984-يىلى ماقۇللانغان ئاپتونومىيىلىك قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئاتا قىلغانلىقىنى ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ توربېتىدە «قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىس بۆلگۈنچىلەرنىڭ سەپسەتىسىنى مات قىلدى» سەرلەۋھە بىلەن ئېلان قىلىنغان. سيروئېزھكىن باشقا بىر سۆزىدە يەنە د ئۇ ق ۋە 4 نەپەر ئامېرىكىلىق سېناتور، ئىككى نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ پىلانلىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئوڭدا قويغان رەڭلىك ئىنقىلابىنى خىتايدىمۇ ئېلىپ بارماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە، قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ سيروئېزھكىننى بىر يىلنىڭ 6 ئېيىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزىدىغان ۋە خىتاينىڭ مەبلىغىگە ئېرىشكەن تەتقىقاتچى دەپ ئاتىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

قىسقىسى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار مىللىي كىملىكنى چىقىش قىلىپ، سىياسىي سەپەرۋەرلىككە كەلگەن. قازاقىستان دائىرىلىرى بولسا،خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۆزدە تۇتۇپ،قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرىسىدا بىر ئاز سىياسىي بوشلۇق قالدۇرۇشقا تىرىشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.