قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكى مەملىكەتتىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر

قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن ياش مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي، مەدەنىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن راۋاجلىنىشىغا، مىللەتلەر ئارا دوستلۇق ۋە رازىمەنلىكنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇشقا باشلىغان ئىدى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ياشلىرى بولۇپمۇ ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى رەسمىي قۇرۇلغان قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا بىر قاتار چارە-تەدبىرلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەلدى. 2009-يىلى قانلىق ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرى بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىمۇ ئالاھىدە پائالىيەتچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە مەزكۇر تەشكىلات ياشلارنىڭ مىللىي ئاڭ-سېزىمىنى ئويغىتىشقا، ئۇلاردا دوستلۇق، بىرلىك ۋە رازىمەنلىك قەدرىيەتلىرىنى تەربىيىلەشكە چوڭ كۆڭۈل بۆلمەكتە. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئابدۇرېشىت تۇردىيېف، ئاندىن كېيىن رىشات ئازنىباقىيېف تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كەلگەن قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكى بۈگۈنكى كۈندە مەملىكەتلىك قانۇنلار دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكى كاتىپى زۆھرە مەمەتنىيازوۋا تەشكىلاتنىڭ پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.