قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم ئالىدىغان بالىلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە

قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز بالىلىرىنى ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بارغانسېرى ئېشىۋاتماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012.09.05
Qazaqistan-yashliri-Uyghur-rohi-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻰ 2009 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮﺩﻩ، ﺋﺎﻟﻤﺎﺗﺎﺩﺍ ﺷﻪﯞﻛﻪﺕ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﻫﻨﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ "ﺧﯘﺵ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ" ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
http://www.azatliq.net دىن ئېلىندى.

چۈنكى ئۇلار، بىرىنچىدىن، ئانا تىلىدا ئوقۇغانلارنىڭ دۆلەت تىلىنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ چىقىدىغانلىقىغا، ئىككىنچىدىن، ئەڭ مۇھىمى، ئانا تىلىدا ئوقۇغانلارنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە مۇھەببىتىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىغا كۆزى يەتمەكتە.

يېقىندا جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «مىللىي مائارىپ­-مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ مەنبەسى» ناملىق ماقالىدە، ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى سىنىپىغا قانچىلىك بالىنىڭ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپتورى شەمشىدىن ئايۇپوف ئالماتا شەھىرى ۋە ۋىلايىتىدىكى مەكتەپلەر ھەققىدە توختالغان ھەم بولۇپمۇ، ئالماتا شەھىرى ئا.روزىباقىيېۋ نامىدىكى 153-مەكتەپ گىمنازىيىدە 6 سىنىپ، م.ياقۇپوف نامىدىكى 101-مەكتەپ-گىمنازىيىدە 5 سىنىپ، م.ھەمرايېف نامىدىكى 150-ئوتتۇرا مەكتەپتە 3 سىنىپ، پانفىلوف ناھىيىسى بىلال نازىم نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە 4 سىنىپ، شۇنداقلا يەنە باشقىمۇ بىر قاتار مەكتەپلەردە ئىككى سىنىپتىن ئېچىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى خەۋەرلىگەن.

بىز بەزى مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇش بويىچە مۇئاۋىنلىرى بىلەن بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۇلاردا قانچىلىك بالىنىڭ بىرىنچى سىنىپ بوسۇغىسىنى ئاتلىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرگىنىمىزدە، ئالماتا شەھىرى م.ياقۇپوف نامىدىكى 101-مەكتەپ-گىمنازىيىگە 128 بالىنىڭ، م.ھەمرايېف نامىدىكى 150-ئوتتۇرا مەكتەپكە 45 بالىنىڭ، پانفىلوف ناھىيىسى بىلال نازىم نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە 106 بالىنىڭ كەلگەنلىكىدىن ھەم بالىلارنىڭ يەنىمۇ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇق.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرىنىڭ ئەۋېزوف ناھىيىسى ئا.روزىباقىيېۋ نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيە مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف يېڭى ئوقۇش يىلىنىڭ باشلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق ئاتا، ئانا، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.