ئەنقەرەنىڭ قازان رايونىدىكى يىغىندا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەسىلىلىرىمۇ مۇھاكىمە قىلىندى

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەنىڭ قازان رايونىدا 1-نۆۋەتلىك خەلقئارا «ئەنقەرە-قازان خەلق كۈلتۈرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» بۈگۈن باشلاندى.

0:00 / 0:00

ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، ۋېنگرىيە، تاتارىستان، تۈركمەنىستان، مولداۋىيە ۋە تۈركىيىدىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىندا قازان رايونىدىكى تارىخىي مەدەنىي مىراسلار ۋە قازان خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادىتى ھەققىدە ئىلمىي مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقچى.

بۇ يىغىن «تۈركىيە خەلق كۈلتۈرى تەتقىقات مەركىزى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«تۈركىيە خەلق كۈلتۈرى» تەتقىقات مەركىزىدىن ئېرفان ئۈنۋەر ناسرەتتىن ئوغلى يىغىن ھەققىدە بىزگە بەرگەن باياناتىدا بۇ خىل يىغىننى ھازىرغىچە دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئاچقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئېچىش نىيىتى بولسىمۇ خىتاينىڭ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئېرفان ئۈنۋەر ناسرەتتىن ئوغلى ۋە ۋېنگرىيە بۇداپېشت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى Eva Kincses Nagy خانىملار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزگە قۇلاق سالغايسىلەر.