قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف خىتاينى زىيارەت قىلىپ قايتتى

قازاقىستان ئانالىزچىلىرى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قىلغان ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت سەپىرى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

0:00 / 0:00

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتى تاشقى سىياسەت تەتقىقاتلىرى بۆلۈمىنىڭ ئىلمىي خادىمى رۇسلان ھېزىموف قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە توختالدى.