قازاقىستان-خىتاي چېگراسىدىكى ۋەقەگە دائىر يېڭى مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

قازاقىستان ۋە باشقا مەملىكەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئالاكۆل ناھىيىسىگە قاراشلىق ئارقان-كەرگەن چېگرا پونكىتىدا يۈز بەرگەن پاجىئەلىك ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى مەلۇماتلارنى ئېلان قىلماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012.06.11

ۋەقە يۈز بېرىپ، بىر ھەپتە ۋاقىت ئۆتسىمۇ رەسمىي ئورۇنلار بۇ ھەقتە بىرەر ئېنىق ئاخبارات بېرەلمىگەن بولۇپ، قازاقىستانلىقلار ئارىسىدا ھەم ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان خىلمۇ-خىل خەۋەرلەر تارقىتىلغان ئىدى.

«لېنتا-رۇ» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مۇنداق نارەسمىي خەۋەرلەر ئىچىدە بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋىتى بار قانداقتۇر بىر تاشقى مەملىكەتنىڭ ئىغۋاسى ياكى خىتاي تەرەپتىن قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە، شۇنداقلا ئەتكەسچىلەر ياكى تېررورچى گۇرۇپپىنىڭ ھەرىكىتى ھەققىدە تەخمىنلەرمۇ ئورۇن ئالغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە بۇ ۋەقەنىڭ قازاقىستاندىكى ھەربىي ۋە ھوقۇق قوغداش ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتىن كېلىپ چىققان، ياكى چېگرا قوغدىغۇچىلىرى يۇقىرى لاۋازىمدىكى شەخسلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان، ياكى چېگرا قوغدىغۇچىلار بىۋاسىتە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماي، بەلكى بىرەر باشلىقنىڭ شەخسىي مۈلكىنى قوغدىغان ھەم شۇ مەزگىلىدە يەنە باشقا بىر كۈچلەرنىڭ بۇ مۈلۈككە ئىگە بولۇۋېلىش مەقسىتىدە مۇشۇنداق قاتىللىق ھەرىكىتى كېلىپ چىققان دېگەندەك تەخمىنلەرمۇ يوق ئەمەس.

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ قارارىغا بىنائەن 5-ئىيۇن كۈنى ئومۇميۈزلۈك ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلىنىپ، جاي-جايلاردا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى چەكلەندى. قازاقىستانلىقلار قانلىق ۋەقەنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلارنى ھەم ئۇنىڭغا يول قويغانلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ، قۇربان بولغانلار ئائىلىلىرىگە تەزىيە بىلدۈردى.
پاجىئە قۇربانلىرى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدىن بولۇپ، ياشلىرى 18-20 ئەتراپىدا بولغان ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەن ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىۋاتقان قازاقىستان پۇقرالىرى ئىدى.

يېقىندا يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەزكۇر چېگرا پونكىتىدىكى 14 نەپەر چېگرا مۇھاپىزەتچىسىنى ھەم ئورمان خادىمىنى ئۆلتۈردى دېگەن ئەيىبلەش بىلەن يەنە بىر چېگرا خادىمىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، بۇ قانلىق ۋەقەنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا سەۋەبكار ئىكەنلىكىدە ئۇنىڭ ئىقرار بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئۆزىنىڭ قاتىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بۇ چېگرا خادىمى قاراغاندىلىق 19 ياشلىق ۋىلادىسلاف چىلاخ بولۇپ، ۋەقەنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇ تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەن.

«ۋرېميا» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «چېگرىدىكى قىرغىنلىق. كۆيدۈرۈلگەن چېگرا پونكىتىنىڭ دەھشەتلىك سىرى» ناملىق ماقالىدە ۋەقە يۈز بېرىپ، تېگىشلىك ئورۇنلارنىڭ بىر ھەپتە مابەينىدە بۇ ۋەقە ھەققىدە بىرەر تەپسىلات بەرمەي، قازاقىستانلىقلارنى ئەندىشىگە سالغانلىقى، ھەر خىل تەخمىنلەرنىڭ پەيدا بولۇپ، نەتىجىدە چېگرىچىلارنىڭ قۇربان بولۇشىدا يە قەھرىمانلىقنىڭ، يە پىداكارلىقنىڭ، يە ئەشەددىي دۈشمەنگە قارىتا قىلىنغان قارشىلىقنىڭ ئەمەس، بەلكى رەھىمسىز، مەنىسىز قانلىق قىرغىنچىلىقنىڭ ئورۇن ئالغانلىقى ئەپسۇسلىنىش بىلەن ئېيتىلغان.

مەلۇمكى، سوۋېت دەۋرىدە 28-ماي چېگرا قوغدىغۇچىلار كۈنى دەپ ئېلان قىلىنىپ، بۇ بايرام ھازىرمۇ بەزى سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۆتكۈزۈپ كېلىنمەكتە.
مەزكۇر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ بايرام ھارپىسىدا ئۇش-ئارال چېگرا ئەترىتىدىن كاپىتان ئالتىنبېك كېرېيېف رەھبەرلىكىدە 15 چېگرا خادىمى «سارى-بوكتېر» چېگرا پونكىتىغا كېلىپ، ئۇ يەردىن «ئارقان-كەرگەن» چېگرا پونكىتىغا كەچكە يېقىن ۋاقىتتا كېلىپ ئورۇنلاشقان. ئەمما يا 28-، يا 29-، يا 30-ماي كۈنلىرى مەزكۇر چېگرا پونكىتى ئالاقە قىلمىغان. مەلۇم بىر ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرى بىلەن ئالاقە باغلانمىغان تەقدىردە ئومۇميۈزلۈك پەۋقۇلئاددە ھالەت ئېلان قىلىنىپ، تېگىشلىك چارىلەر كۆرۈلۈش كېرەك ئىدى. لېكىن، ھەتتا 15-20 كىلومېتىر ئارىلىقتىكى قوشنا چېگرا پونكىتىمۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىمىغان، پەقەت 30-ماي كۈنى بۇنىڭ سەۋەبى ئېنىقلىنىشقا باشلىغان ھەم ئۇ يەرگە بارغان چېگرا قوغدىغۇچىلىرى گۇرۇپپىسى يۈز بەرگەن ۋەقەنى خەۋەر قىلغان.

ۋ. چېلاخ تېرگاۋچىلارغا ئۆز سەپداشلىرىغا قاتىللىق قىلىش نىيىتىنىڭ تامامەن بولمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ چۈشىنىكسىز بىر پسىخىكىلىق ھالەتكە دۇچ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ۋەقە 29-مايغا ئۆتكەن كېچىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇ چېگرا پونكىتى بويىچە نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان ھەم قورال-ياراق بۆلۈمىنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭ قولىدا بولغان. سەھەر، سائەت 5 تە ئۇ نان پىشۇرىدىغان ئەسۋابقا ئوت ئالدۇرۇش مەقسىتىدە سىرتقا چىققان ھەم بۇ مەزگىلدە ساندۇق ئىچىگە قويۇپ قويۇلغان ئەترەت باشلىقىنىڭ تاپانچىسىنى ئېلىۋالغان. ئۇ دەسلەپ قاراۋۇلنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئاپتوماتى بىلەن قوراللىنىپ ئالدىغا چىققان ئاشپەزنى ئۇجۇقتۇرغان، ئاندىن ئۇخلاۋاتقان چېگرا ئەسكەرلىرىگە قارىتا ئوق چىقارغان. بۇنى كۆرگەن ھەم يوشۇرۇنماقچى بولغان ئەترەت باشلىقىمۇ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ۋ. چىلاخ قايتىپ سىرتقا چىقىپ، ئېتىلغان ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن ئىستىپادىكى مايور رۇسلان كىمنى ئۇجۇقتۇرۇپ، ئاندىن بارلىق ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ بېشىغا قارىتىپ تەكرار ئوق چىقارغان. ئاندىن ئۇ ئۆلگەنلەرنى ئۆز كارىۋاتلىرىغا، ھەم ئۆزىنىڭ ئورنىغا بولسا دانىيار بالغابايېفنىڭ تېنىنى ياتقۇزۇپ، ياتاققا ئوت قويۇۋەتكەن. ئۆزى بولسا پۇقراچە كىيىنىپ، تاپانچا بىلەن قوراللىنىپ تاققا يوشۇرۇنغان. ئىشنى تەكشۈرگۈچىلەر ۋ. چېلاخنى ئۆلگەنگە چىقىرىپ، مەلۇم بىر ۋاقىت د. بالغابايېفنى ئىزدەش ئېلانى چىقارغان.

ھازىر بولسا ۋ.چېلاخ قانداق قىلىپ بۇ ھەرىكەتنى قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرەلمىگەن، ئەمدى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بولسا ئۆز ئوغلىغا قويۇلۇۋاتقان ئەيىبكە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. «تېنگرى-نيۇس» ئاگېنتلىقى ۋ.چېلاخقا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈرمە جازاسىنىڭ بېرىلىش مۇمكىنلىكىنى ھەم شۇنداقلا «سارى-بوكتېر» چېگرا پونكىتى باشلىقىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.