بۇ لىنىيە ئارقىلىق غەربىي قازاقىستاننىڭ نېفىت ۋە گاز كانلىرىدىكى تەبىئىي گازنى مەملىكەتنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا يۆتكەپ، قىزىلوردا، جەنۇبىي قازاقىستان، جامبۇل ۋە ئالماتا ۋىلايەتلىرىنى گاز بىلەن ئۈزلۈكسىز تەمىنلەش شۇنداقلا قازاقىستان-خىتاي گاز تۇرۇبىسى لىنىيىسى ئارقىلىق خىتايغا ئېكسپورت قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان. بېينېئۇ-بوزوي-چىمكەنت گاز تۇرۇبىسى لىنىيىسىنى سېلىشقا 3،6 مىليارد دوللار سەرپ قىلىنماقچى.
خەۋەردە ئۆزبېكىستاندىن كېلىدىغان گاز مىقدارىنىڭ چەكلىنىشى ۋە ئىلگىرىكى گاز تۇرۇبىلىرىنىڭ تېخنىكىلىق جەھەتتىن ئاجىزلاشقانلىقى سەۋەبىدىن قازاقىستاننىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدە تەبىئىي گازدىن پايدىلىنىش مۇمكىنچىلىكلىرىنىڭ قىيىنلاشقانلىقى ئېيتىلغان. شۇنداقلا مەزكۇر لىنىيىنى پۈتتۈرۈش قەرەلى ئوتتۇز يىلغا مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىش باشلىشى بىلەن قىزىلوردا ۋىلايىتىگە بېرىلىدىغان گاز مىقدارىنىڭ 5 ھەسسە، جەنۇبىي قازاقىستان ۋىلايىتى بويىچە 2،5 ھەسسە، جامبۇل ۋىلايىتى بويىچە 3 ھەسسە، ئالماتا ۋىلايىتى ۋە ئالماتا شەھىرى بويىچە 4،4 ھەسسە كۆپىيىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مەلۇمكى، 16-دېكابىر كۈنى قازاقىستاننىڭ "كازترانسگاز" شىركىتى ۋە خىتاينىڭ "ترانس-ئاسىيا..." كومپانىيىسى ۋەكىللىرى ئىككى ئوتتۇرىدا "بېينېئۇ-چىمكەنت گاز تۇرۇبىسى" شىركىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى توغرىلىق كېلىشىمگە قول قويغان ئىدى. بۇ لايىھىنى قازاقىستانلىق ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى باراۋەر ئەمەلگە ئاشۇرماقچى.