ياپونىيىدىكى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋەقەسى نەتىجىسىدە ھاۋانىڭ يادرو رادىئاتسىيىسى بىلەن بۇلغىنىشى كېلىپ چىقىپ، خەلقئارادا جىددىي ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىۋاتقان كۈنلەردە قازاقىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇش پىلانى بارلىقىنىڭ ئاشكارىلىشى دىققەتنى جەلپ قىلدى.
قازاقىستان يادرو مەركىزىنىڭ باشلىقى قايرات قادىرجانوفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاننىڭ «قازاق ئاتوم سانائىتى» شىركىتى بىلەن رۇسىيىنىڭ «روساتوم» شىركىتى بىرلىكتە يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇش ھەققىدە سۆھبەت باشلىغان بولۇپ، قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دۇيسېنباي تۇرغانوف نۆۋەتتە قازاقىستان بىلەن رۇسىيە تەرەپنىڭ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەسلىھەلىرى ھېسابلىنىدىغان يادرو رېئاكتورلىرىنى قۇرۇشقا ئائىت تېخنىكىلىق ئاساسلارنى مۇزاكىرە قىلماقتا ئىكەن.
ئاشكارىلىنىشىچە، يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇش پىلانى قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن مەيدانغا چىققان بولۇپ، 1997-يىلى غەربىي قازاقىستان ئوبلاستىدا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇش پىلانى مەيدانغا چىققان بولسىمۇ، بىراق قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي، تېخنىكا كۈچى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەزكۇر قۇرۇلۇش توختىتىپ قويۇلغان. بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقى قازاقىستاندا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرغان بولۇپ، شېۋچېنكو نامىدىكى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى 1972-يىلى قۇرۇلۇپ تاكى 1999-يىلىغىچە ئىشلىگەندىن كېيىن مەزكۇر ئېلېكتر ئىستانسىسى گاز يېقىلغۇسى ئىشلىتىدىغان ئېلېكتر ئىستانسىسىغا ئۆزگەرتىلىۋېتىلگەن. شۇنداق بولغاندا، قازاقىستان ھازىر ئۆزىنىڭ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىغا ئىگە ئەمەس.
مەلۇمكى، ئۇكرائىنىنىڭ چېرنوبىل رايونىدىكى بىر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى 1986-يىلى پارتلاپ كېتىپ، دەھشەتلىك پاجىئەلەرنى پەيدا قىلغان. چېرنوبىل يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ پارتلاپ كېتىشى، 20-ئەسىردىكى بىر قېتىملىق ئەڭ ئېغىر يادرو رادىئاتسىيىسى پاجىئەسى بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىدا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلگەن ئىدى. بۇ ئىشنىڭ قازاقىستانغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى تەبىئىي بولسا كېرەك.
قازاقىستان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇران ئىشلەپ چىقىرىدىغان مەملىكەتلەرنىڭ بىرى. قازاقىستان ئۇران ئېلىشتا دۇنيا بويىچە 3-ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى قازاقىستاندىن زور مىقداردا ئۇران ئالغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىشلىتىدىغان ئۇرانلىرىنىڭ ئاساسلىق قىسمى قازاقىستان تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ئىدى.
پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، قازاقىستاننىڭ سانائەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سۆزىدە ياپونىيىدىكى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان يادرو پاجىئەسىنىمۇ تىلغا ئالغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئەھۋالنى نەزەرگە ئېلىپ، قازاقىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇش پىلانىنى كۆرۈپ چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بىراق، قازاقىستان بىلەن بىرلىكتە يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇش ئىشىغا مەسئۇل بولغان رۇسىيىنىڭ «روساتوم» شىركىتىنىڭ باشلىق سېرگېي كرىيېنكو ئىككى دۆلەت بىرلىكتە قۇرماقچى بولۇۋاتقان قازاقىستاننىڭ ئاقتاۋ رايونىدىكى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قازاقىستان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، رۇسىيىنىڭ دۆلەتلىك «روساتوم» شىركىتىنىڭ باشلىقى سېرگېي كرىيېنكو 30-مارت كۈنى قازاقىستان بىلەن رۇسىيىنىڭ يادرو ئېنېرگىيىسىنى تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىش ھەققىدە ئومۇمىي كېلىشىم تۈزگەنلىكى، رۇسىيە تەرەپنىڭ قازاقىستانغا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنىڭ كېرەكلىك ماتېرىياللىرىنى بەرگەنلىكى، بىراق، بۇنىڭ قازاقىستاننىڭ تەپسىلىي خىزمەتلىرىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
رۇسىيە قۇرۇپ بەرمەكچى بولغان مەزكۇر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قازاقىستاننىڭ تۇنجى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
قازاقىستان ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئۇزۇن چېگرا لىنىيىسىگە ئىگە.