قازاق ياشلىرى كۆتىرىلىشى قاتناشقۇچىسى قاسىم ئەبىلخايىروف: بىز قارا ناننى بىرگە بۆلۈپ يېدۇق

مەلۇمكى، 1986 - يىلنىڭ 16 - دېكابىر كۈنى ئالماتا شەھىرىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى يېڭى مەيدانىدا باشلانغان قازاق ياشلىرىنىڭ نامايىشى 17 - دېكابىر كۈنى كەڭ دائىرىدە ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نامايىشچىلار موسكۋا قارارىغا بىنائەن قازاقىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىرىنچى سېكرىتارلىقىدىن دىنمۇھەممەت قونايېفنىڭ ئورنىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا قارشى چىققان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ئۇلار «ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز ھەل قىلىمىز» دىگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى كۆتۈرۈپ چىققان.

نامايىشنى تارقىتىش جەريانىدا بىر نەچچە ئادەم ھالاك ۋە يارىدار بولغان، يۈزلىگەن ئادەم تۈرمىلەرگە تاشلانغان ئىدى. 1987 - يىلنىڭ بېشىدا جۇمھۇرىيەتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ كېڭىيتىلگەن يىغىنى بولۇپ، ئۇنىڭدا قازاق " مىللەتچىلىكى» گە بېغىشلانغان مەسىلىلەر قارالغان. ئەينە شۇنىڭدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا جاي - جايلاردا تەقىپلەش، قاماققا ئېلىش ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالغان.

قازاقىستان مۇستەقىللىك ئالغاندىن كېيىن 17 - دېكابىرنى يېلتوقسان ھەرىكىتى قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى سۈپىتىدە نىشانلاش ئەنئەنىگە ئايلانغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاق ياشلىرى كۆتىرىلىشىنىڭ قاتناشقۇچىسى قاسىم ئەبىلخايىروف دېكابىر نامايىشى ھەم ئۆزىنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرى ئۈستىدە توختالدى.