قازاقىستان نېمە ئۈچۈن ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بولدى؟

قازاقىستان 2010 - يىلى ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشى بىلەن ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئوخشىمىغان باھالار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي دۆلەت بولغان قازاقىستاننىڭ تۇنجى بولۇپ بۇنداق بىر ۋەزىپىنى ئېلىشى مۇھىم بىر ئۇتۇق ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ قازاقىستاننىڭ ھەر تەرەپتىن تاكاممۇللاشقانلىقىنىمۇ ئىپادە قىلمايدۇ.

0:00 / 0:00

مۇتەخەسسىسلەر دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسىدە تېخى نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلىنىپ ياتقان قازاقىستاننىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئېلىشى، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىشى ۋە غەربكە يېقىنلىشىشى ئۈچۈن بىر تۈرتكە بولىدۇ، دەپ قارىماقتا.

قازاقىستان يېقىندا 2010 - يىللىق ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. قازاقىستاننىڭ بۇنداق بىر ۋەزىپىنى ئېلىشىغا قارىتا ھەر خىل كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، بولۇپمۇ قازاقىستاندەك كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئورنىتىش مەسىلىسىدە ئىزچىل ھالدا تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ رەئىسلىك بولۇش سالاھىيىتىنىڭ بار ‏- يوقلۇقى تالاش - تارتىش ئوبيېكتى بوپقالغان. قازاقىستاننىڭ رەئىس بولۇشىنى قوللىغۇچىلار بولسا ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىپىسىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭ قازاقىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىشى ۋە غەربكە يېقىنلىشىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتوتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئۆمەر ئەرسوينىڭ قارىشىچە، مەيلى نېمىلا بولسۇن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر تۈركىي جۇمھۇرىيەت بولغان قازاقىستاننىڭ بۇنداق بىر ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىنىڭ ئۆزى زور بىر ئۇتۇق. بۇ قازاقىستاننىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم بىر قەدەم.

ئۆمەر ئەرسوي بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ھەتتا ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆزى تەرىپىدىنمۇ تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەن قازاقىستاننىڭ بۇنداق بىر ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى مەيلى نېمىلا بولسۇن، قازاقىستاننىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ناھايىتى زور بىر ئۇتۇق. بۇ ھەم قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ زور تەسىر كۈچىگە ئىگە دۆلەت بولۇش سىياسىتىگىمۇ ماسلاشقان ...."

قازاقىستاندا ياشايدىغان پېشقەدەم سىياسەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بولسا بۇنى قازاقىستاننىڭ رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئىجابىي بىر قەدەم دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە شەرقىي ۋە غەربىي ياۋرۇپا ئارىسىدىكى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى يېشش ئۈچۈن قۇرۇلغان مۇھىم بىر سىياسىي تەشكىلاتتۇر. بۇ تەشكىلاتقا ياۋرۇپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىن بولۇپ جەمئىي 56 دۆلەت ئەزا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تەشكىلات ئەڭ ئەتراپلىق خەۋپسىزلىك نىزامنامىسىگە ئىگە بولغان بىردىن - بىر تەشكىلات بولۇپ، دېموكراتىيىلىشىش، مائارىپ، سايلام، كىشىلىك ھوقۇق، ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقلىرى، ئاخبارات ئەركىنلىكى، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى، جىنسىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئادەم تىجارىتىگە قارشى كۈرەش، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قاتارلىقلار مانا بۇ نىزامنامىلاردا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

تەتقىقاتچى ئۆمەر ئەرسوي ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، كېيىنكى يىللاردا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا بولغان قىزىقىشى ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ تەشكىلات بالقان، شەرقىي جەنۇبى ياۋرۇپا، كاۋكازىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا قۇرۇلغان يېڭى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىدا غەربنىڭ ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىدىغان بىردىن - بىر ۋاستىسى بولۇپ قالغان. بۇ رامكا بويىچە، غەرب دۆلەتلىرى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى، دېموكراتىك قۇرۇلۇشلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىلىرىگە ئائىت ئورگانلىرىغا ئالاھىدە ياردەم بېرىپ كەلگەن.

قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىمۇ يۇقۇرىقىلارنى ئىسپاتلايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندىن بېرى قازاقىستاندا يۇقىرىدا دېيىلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى قاتارلىق رامكىلار بويىچە بەزىبىر يېڭىلىقلار بارلىققا كېلىشكە باشلىغان.

ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىنىڭ قايتىدىن شەكىللىنىپ چىقىشىدا زور تەسىرگە ئىگە بولۇپ، ئۆمەر ئەرسوي ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ جۇغراپىيىدە كېيىنكى يىللاردا مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار دېموكراتىك ھەرىكەتلەردە يەنى ئۇكرائىنىيىدىكى رەڭلىك ئىنقىلاب، قىرغىزىستاندا بارلىققا كەلگەن ئەتىرگۈل ئىنقىلابى، گرۇزىيىدىكى قىزىل گۈل ئىنقىلابلىرىنىڭ ھەممىسىدە بۇ تەشكىلاتنىڭ رولى مەۋجۇت. ھەتتا رۇسىيە بىر مەزگىل غەربنى، بۇ تەشكىلاتنى رۇسىيىگە قارشى سىياسىتى ئۈچۈن قوللاندى دەپ ئەيىبلىگەن.

قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بولسا، قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلى قىسقا مەزگىل ئىچىدە خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ تەسىرىدىن ئاسانلىقچە قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى، گەرچە قازاقىستاندا ئۆكتىچى پائالىيەتلەردە بەزى راۋاجلىنىشلار بارلىققا كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق پائالىيەتلىرىنىڭ قازاقىستاندا يەنىلا چەكلىمىگە ئۇچراشتىن خالىي بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.