قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلىدى

12 - نويابىر كۈنى ئالماتادىكى دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ "سابرىنا" كافىسىغا جەم بولغان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر مۇراسىمدا دوكلات قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى 1933 - يىلى قەشقەردە ھەم 1944 - يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخىدىن، شۇنداقلا ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پائالىيىتىدىن ئەتراپلىق دائىرىدە مەلۇماتلار بەردى.

پائالىيەتكە قاتناشقان پېشقەدەم ئوفىتسېرلاردىن ئۆمەرجان ئاكا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدا توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.