قازاقىستاندا ئويغانغان ئۇيغۇر روھى (2)

قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە شەۋكەت تىياتىرى تەرىپىدىن سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان كۈچلۈك مىللىي روھقا ئىگە ۋەتەنپەرۋەرلىك سەنئەت كېچىلىكىنى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي روھى، شەرقىي تۈركىستانغا بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىپادىسى ۋە ئۇيغۇر تىلى ھەم مەدەنىيەت‏ سەنئىتىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا مۇكەممەل ساقلانغانلقىنىڭ نامايەندىسى دېيىشكە بولىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2010.08.24
Qazaqistan-yashliri-Uyghur-rohi-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻰ 2009 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮﺩﻩ، ﺋﺎﻟﻤﺎﺗﺎﺩﺍ ﺷﻪﯞﻛﻪﺕ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﻫﻨﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ "ﺧﯘﺵ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ" ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
http://www.azatliq.net دىن ئېلىندى.

مەزكۇر كېچىلىك، تور بەتلەر ئارقىلىق دۇنياغا تارالغاندىن بۇيان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور ئالقىشقا ئېرىشىپ، كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلماقتا.
 
قازاقىستاندا شەۋكەت تىياتىرى تەرىپىدىن سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان ، مەخسۇس 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا بېغىشلانغان ۋەتەنپەرۋەرلىك سەنئەت كېچىلىكىنىڭ باش رېژىسسورى، شەۋكەت تىياتىرىنىڭ مۇدىرى تالانتلىق يازغۇچى شەۋكەت ئەپەندى ئۆتكەنكى قېتىملىق پروگراممىمىزدا مەزكۇر كېچىلىكنى ئۇيۇشتۇرۇش جەريانى ھەمدە شەۋكەت تىياتىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدى، ئۇ يەنە، مەزكۇر سەنئەت كېچىلىكىنىڭ مەركىزى نۇقتىسىنى يىغىنچاقلاپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، "قازاقىستاندا ئويغانغان ئۇيغۇر روھى" تېمىسىدىكى پروگراممىمىزنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.