قازاقىستاندا ئويغانغان ئۇيغۇر روھى (2)

قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە شەۋكەت تىياتىرى تەرىپىدىن سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان كۈچلۈك مىللىي روھقا ئىگە ۋەتەنپەرۋەرلىك سەنئەت كېچىلىكىنى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي روھى، شەرقىي تۈركىستانغا بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىپادىسى ۋە ئۇيغۇر تىلى ھەم مەدەنىيەت‏ سەنئىتىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا مۇكەممەل ساقلانغانلقىنىڭ نامايەندىسى دېيىشكە بولىدۇ.

0:00 / 0:00

مەزكۇر كېچىلىك، تور بەتلەر ئارقىلىق دۇنياغا تارالغاندىن بۇيانOpens in new window ]

، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور ئالقىشقا ئېرىشىپ، كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلماقتا.

قازاقىستاندا شەۋكەت تىياتىرى تەرىپىدىن سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان ، مەخسۇس 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا بېغىشلانغان ۋەتەنپەرۋەرلىك سەنئەت كېچىلىكىنىڭ باش رېژىسسورى، شەۋكەت تىياتىرىنىڭ مۇدىرى تالانتلىق يازغۇچى شەۋكەت ئەپەندى ئۆتكەنكى قېتىملىق پروگراممىمىزدا مەزكۇر كېچىلىكنى ئۇيۇشتۇرۇش جەريانى ھەمدە شەۋكەت تىياتىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدى، ئۇ يەنە، مەزكۇر سەنئەت كېچىلىكىنىڭ مەركىزى نۇقتىسىنى يىغىنچاقلاپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، "قازاقىستاندا ئويغانغان ئۇيغۇر روھى" تېمىسىدىكى پروگراممىمىزنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.