قازاقىستاندا ئويغانغان ئۇيغۇر روھى (3)

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ - 5 ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى مىللىي ئويغىنىشى سۈپىتىدە، بۇلتۇر 10 ‏- ئايدا شەۋكەت تىياتىرى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك سەنئەت كېچىلىكى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تاماشىبىنلاردىن باشقا مەزكۇر كېچىلىكنى تور بەتلەر، DVD ئارقىلىق تاماشا قىلىشقا مۇيەسسەر بولغان ھەر بىر ئۇيغۇرنى زور ھاياجانغا سالماقتا.

0:00 / 0:00

مەزكۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك سەنئەت كېچىلىكىOpens in new window ]

كۆپچىلىككە ئېستېتىك زوق بېغىشلاپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك مىللىي روھىنى ئۇرغۇتماقتا.

پۈتۈنلەي ياش ھەم سەبىي يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر تالات ئىگىلىرى نامايان بولغان، ساپ ئۇيغۇر تىل ۋە سەنئىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھى، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىناقلىق، ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئەكس ئەتكەن قازاقىستان شەۋكەت تىياتىرىنىڭ 9 ‏- نۆۋەتلىك، مەخسۇس 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا بېغىشلانغان ۋەتەنپەرۋەرلىك سەنئەت كېچىلىكى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالماقتا.

مەزكۇر كېچىلىكنى نەق مەيداندا كۆرگەن قازاقىستاندىكى تاماشىبىنلاردىن، ئالماتادىكى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئارسلان ئۇيغۇر ئەپەندى، مەزكۇر كېچىلىكنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك سەنئەت كېچىلىكى ئۆز نۆۋىتىدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەتتىن چاڭقىغان قەلبىگە بەئەينى چاڭقىغان تۇپراققا سۇ سەپكەندەك زوق بېغىشلىغان بولۇپ، كانادادا ياشاۋاتقان شائىر تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلى ئۆز ھاياجىنىنى ئىپادىلىدى.

مەزكۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك سەنئەت كېچىلىكىنىڭ باش رېژىسسورى، شەۋكەت تىياتىرىنىڭ مەسئۇلى شەۋكەت ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى دانىيار ئەپەندى شۇنداقلا تالانتلىق ياش شائىرە، كېچىلىكنىڭ مۇئەللىپى نازۇگۇملار، گەرچە تىياتىرنىڭ ھازىرقىدەك راۋاجى ئاسان كەلمىگەن بولسىمۇ، ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت سەنئىتىگە بولغان سۆيگۈ ھەم ۋىجدانى بۇرچىنىڭ تۈرتكىسى شۇنداقلا تاماشىبىنلارنىڭ قوللىشى ۋە ھاياجىنىدىن زور ئىلھام ئالغانلىقىنى، مۇمكىن بولسا ئۇيغۇر روھىنى سەنئەت ئارقىلىق دۇنيا سەھنىسىدە كۆرسىتىشنىڭ، تىياتىردىكى بارلىق ئۇيغۇر تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.