قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يىگىت باشلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىلمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ
2010.08.09
2010.08.09
ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ جايلاشقان دوستلۇق، سۇلتانقورغان ۋە باشقا مەھەللىلىرىنىڭ باش يىگىت باشلىرى يېقىندا قۇرۇلغان بەگلەر كېڭىشى بىلەن بىرلىكتە يىگىت باشلىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە ئۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەزمۇنىدىكى پىكىر - تەكلىپلەرنى قوللايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇلار يىگىت باشلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ئارقىلىق، مىللىي مائارىپ، مەدەنىيەت، مەتبۇئاتنىڭ تەرەققىياتىغا ھەم شۇنداقلا ئەلنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي گۈللىنىشىنى تەمىنلەيدىغان رازىمەنلىك ۋە تۇراقلىقنى مۇستەھكەملەشكە، خەلقلەر دوستلۇقىنى كۈچەيتىشكە پۈتكۈل بىلىمىنى ۋە كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇراجىئەتنامە ئاپتورلىرى يىگىت باشلىرى كۈنىنى تەسىس قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن ھەم شۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ خەلق ئالدىدىكى جاۋابكارلىقىنىڭ تېخىمۇ ئۆسىدىغانلىقىنى، ئابرويىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەتبۇئات سەھىپىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەر مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، شېھىت بولغانلار خاتىرىسىگە نەزىر پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش، مىللىي مەكتەپلەرگە بالا توپلاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئىشلاردىمۇ يىگىت باشلىرى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك رول ئوينىغان.
ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكى يىگىت باشلىرىنىڭ رولى ھەققىدە بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى "قازاقىستان - زامان" گېزىتى ھوزۇرىدا بولۇپ ئۆتكەن ئاق ساقاللار مەسىلىسىگە بېغىشلانغان يۇمىلاق ئۈستەل مۇھاكىمە يىغىنىدىمۇ پىكىرلەر ئېيتىلغان ئىدى.
ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلغان مەشھۇر قازاق سىياسىيونلىرى، ھوقۇقشۇناسلىرى، مەتبۇئاتچىلىرى جاي - جايلاردا يەرلىكنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ئۇيۇشمىلىرىنى ۋە ئاق ساقاللار ھالقىسىنى قۇرۇش ھەم ئۇلارنىڭ ئىشىنى جانلاندۇرۇش، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ جامائەتچىلىك ئىچىدىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
سۆھبەت يىغىنى داۋامىدا ئۇنىڭغا تەكلىپ قىلىنغان ئالماتا شەھىرى بوستانلىق ناھىيىسى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى كارلىن مەخپىروۋ ۋە تىلشۇناس ئالىم رۇسلان ئارزىيېۋلار ئۇيغۇرلاردىكى يىگىت بېشى تۈزۈلمىسىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ھەم بۈگۈنكى كۈندىكى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن.
يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يىگىت بېشى، مەشرەپ دېگەنگە ئوخشاش پائالىيەتلىرىدىن ئۈلگە ئالىدىغان كۆپ نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ھازىر مىللەتلەر ئارا رازىمەنلىك، بولۇپمۇ قازاق - ئۇيغۇر دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش ھەمدە مىللىي مائارىپ مەسىلىسىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى قايتا - قايتا تەكىتلەنمەكتە. بۇنى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كارلىن مەخپىروۋ ئەپەندى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.