قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئوقۇشتا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشمەكتە

ئالمۇتىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش سۈپىتى كۈندىن - كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى مەسىم ياقۇپوف نامىدىكى 101 - مەكتەپ - گىمنازىيسىدۇر.

0:00 / 0:00


مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن ئىلمىي مۇدىرى سالىما سابىر قىزى كۈلداروۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتلىك ئوقۇش يىلىدا پۈتۈن قازاقىستان بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بىر تۇتاش ئىمتىھاندا مەزكۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسى ئالاھىدە كۆزگە چېلىققان.

مۇستەقىللىقنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىن باشلاپلا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي مەكتەپلەرگە بولغان غەمخورلۇقىنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكى مەلۇمدۇر. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىگە ئورۇنلاشقان ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇلىدىغان مەكتەپلەر ئۈچۈنمۇ تېگىشلىك شارائىت يارىتىلغان بولۇپ، مەكتەپلەرنى ھاجەتلىك تېخنىكىلىق ۋە ساپالىق ئوقۇش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىمۇ يولغا قويۇلغان.

بالىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنۈۋاتقان بىر پەيتتە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى مەمۇرىيىتى ۋە كوللېكتىپلىرى ئوقۇش ساپاسىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي تەجرىبىسىنى ئاشۇرۇشقا، يۇرت - جامائەتچىلىك ۋە تېگىشلىك بىلىم بېرىش ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىلىرىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشماقتا. بولۇپمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر قىز - يىگىتلىرىنىڭمۇ تىرىشچانلىقى كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەش لازىمدۇر.

پەقەت ئالمۇتا شەھىرى بويىچە ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان ئۈچ ئۇيغۇر مەكتىپى بولۇپ، شۇلارنىڭ بىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى مەسىم ياقۇپوف نامىدىكى 101 - مەكتەپ - گىمنازىيە تۈركسىب ناھىيىسىنىڭ سۇلتان - قورغان مەھەللىسىگە جايلاشقاندۇر.

101 - مەكتەپ - گىمنازىيە بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان ئوقۇش پروگراممىسى بويىچە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقان ھەم تەربىيىۋى - تەشكىلىي ئىشلار بويىچىمۇ ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپلەردىن بولۇپ، ئۇ ھازىر خۇرشىدەم نىيازوۋا تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كەلمەكتە.