قازاقىستاندا خىتايغا قارشى نارازىلىق كۈچەيمەكتە

بۇلتۇر دېكابىردا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف خىتاينىڭ پۇرچاق تېرىش ئۈچۈن قازاقىستاندىن يەر تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەر قازاقىستاندا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

ئۇلار بۇ ئىشنىڭ قازاقىستانغا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قازاقىستاننىڭ يېرىنى باشقىلارغا بېرىشنىڭ تارىخى جىنايەت ئۆتكۈزۈش بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى غۇلغۇلا زورايغاندىن كېيىنOpens in new window ]

قازاقىستان باش مىنىستىرى كېرىم مەسىموف بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، قازاقىستان زېمىنىنىڭ ھېچبىر سەۋەب بىلەن باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىلمەيدىغانلىقىنى كەسكىن ئىپادە قىلغان. بۇ ۋەقە بىر مەزگىل بېسىقىپ قالغان بولسىمۇ، 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى قازاقىستاندىكى ئۆكتىچى كۈچلەر ئالماتىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ ئەجدادلىرىنىڭ قېنى بەدىلىگە كەلگەن زېمىننى "ھېچكىمگە بېرىشكە بولمايدۇ،" دەپ نارازىلىقلىرىنى ئىپادە قىلىشتى.

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئۆتكەن دېكابىردا خىتاينىڭ قازاقىستاندىن تېرىقچىلىق قىلىش ئۈچۈن بىر مىليون گېكتار يەر تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىشى بىلەن قازاقىستاندا قىزغىن مۇنازىرىلەر باشلىنىپ كەتكەن ئىدى.

بۇ ھەقتە قازاقىستاندىكى سىياسىيونلار، داڭلىق ئەرباپلار ھەممىسى بىردەك پىكىر بايان قىلىپ، بۇنىڭ قازاقىستان ئۈچۈن زور بىر تەھدىت يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتىشقان. ئارقىدىنلا قازاقىستان باش مىنىستىرى كېرىم مەسۇموف بۇ تالاش - تارتىشلارغا جاۋابەن قازاق زېمىنىنىڭ ھېچكىمگە ھېچقانداق بىر سەۋەب بىلەن سېتىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خەلقنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلەر يەنىلا داۋام قىلماقتا.

1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە سارى ئارقا تىياتىرىنىڭ يېنىغا 2500 ئەتراپىدا ئامما يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار قازاقىستان تۇپراقلىرىنى خىتايغا يەر ئىجارىگە بېرىشنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى، ئەجدادلىرىنىڭ قېنى بەدىلىگە كەلگەن بۇ زېمىننىڭ خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرگە سېتىلمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى مۇنازىرىلەردىمۇ خىتاي ئەگەر بىر مىليون گېكتار يەرنى قازاقىستاندىن ئىجارىگە ئالغان تەقدىردە بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە شۇ يەرنى تېرىش ئۈچۈن يەنە ئون مىڭلىغان خىتاينىڭ قازاقىستانغا كۆچۈپ كېلىپ قازاقىستانغا تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.

شەنبە كۈنى ئالماتىدىكى مەيدانغا يىغىلغان نامايىشچى ئامما قوللىرىغا ماۋزېدۇڭنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن، "قازاق زېمىنى سېتىلمايدۇ" دېگەن خەت بېسىلغان ۋە خىتايدىن قازاقىستانغا كېلىۋاتقان سانسىزلىغان تېرىقچى خىتايلار تەسۋىرلەنگەن رەسىملىك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ خىتايغا قارشى شۇئار توۋلاشقان. نامايىشتا ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرى سۆز قىلىپ، باش مىنىستىر مەسۇم كېرىموفنى تەنقىد قىلغان.

ئالماتىدا ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر نامايىش چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ يەر ئالغان بولسىمۇ، ئالماتىدا تۇرۇشلۇق پېشقەدەم سىياسەتچىلەردىن قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نامايىشنىڭ ئۆكتىچى پارتىيىلەر تەرىپىدىن دۆلەتتىن رۇخسەت ئېلىپ قىلىنغان بىر نامايىش ئىكەنلىكىنى، بۇ نامايىشنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مەتبۇئاتلاردا كۆپ يورۇتۇلمىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

خىتاينىڭ ھازىر قازاقىستاندا بارغانسېىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مەبلەغلىرى ۋە خىتاينىڭ قازاقىستانغا تېخى يېقىندىلا 10 مىليارد دوللار قەرز بېرىپ تۇرۇشقا پۈتۈشىشى قازاقلارغا بولغان تەھدىت تۇيغۇسىنى ئاشۇرماقتا. بولۇپمۇ خىتاينىڭ قازاقىستاننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازىغا مەبلەغ سېلىپ، ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ پاي چەكلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى قازاق خەلقىنى ئەندىشىلەندۈرمەكتە ئىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىدىن بولات ئابىلوف بۇ ھەقتە توختىلىپ، "قازاقىستان خىتايدىن ئالغان 10 مىليارد قەرز پۇلنى بىزنىڭ زېمىنىمىز بىلەن قايتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ" دېگەن.

قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى خىتايغا قارشى سۆزلەرنى قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان قازاقىستاندا مەزكۇر يەر ئىجارىگە بېرىش ۋەقەسىنىڭ چىقىشى بىلەن، قازاق خەلقىنىڭ ئۆزىمۇ بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى جامائەت پىكىرلىرىمۇ زورىيىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، قازاق مەتبۇئاتلىرىدىمۇ يېقىندىن بېرى خىتايغا قارشى سۆزلەر ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارىتا تەنقىدىي پىكىرلەر يەر ئېلىشقا باشلىغان ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.