رۇسىيىنىڭ تېرېكۆل بويىدىكى قەدىمقى ئۇيغۇر قەلئەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەكتە


2007-07-26
Share

رۇسىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ تۇۋا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدىكى تېرېكۆل دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمقى ئۇيغۇر قەلئەسىنى قېزىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلماقتا.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇش مىلادى 8- ئەسىردە ئۇيغۇر خانلىقى تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان بولۇشى مۈمكىن ئىكەن.

تېرېكۆلدىكى ئۇيغۇر قەلئەسىنى قېزىش ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى رۇسىيە جىددى ھالەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر پىلان بويىچە تېرېكۆلدىكى ئۇيغۇر قەلئەسىنى ساياھەت نۇقتىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتۇر.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت