خەلقئارالىق قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى مۇھاكىمە يىغىنى ئەنقەرەدە ئاخىرلاشتى

2011-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى خىلتون مېھمانخانىسىدا خەلقئارالىق قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

0:00 / 0:00

يىغىننى تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى چاقىرغان بولۇپ، يىغىنغا گېرمانىيە، ۋېنگرىيە، ياپونىيە، كورىيە، تۈركىيە ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 31 داڭلىق تۈركشۇناس ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار قاتناشتى. يىغىن 6-ئاينىڭ 4-كۈنى باشلانغان بولۇپ، يىغىندا پروفېسسور دوكتور ئوسمان فىكرى سەرتقايا ئەپەندى «ئۇيغۇرچە تېكىستلەر ھەققىدە تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار»، داڭلىق نېمىس تۈركشۇناسى، پروفېسسور دوكتور پېتىر زىئېمەنس «سىڭقۇ سېلى تۇتۇڭ كىم؟»، پروفېسسور در. كلائۇس رۆھربورن «شۈئەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ تەرجىمىسىدىكى بەزى خۇسۇسىيەتلەر» تېمىلىرىدا سۆز قىلدى. بۇلاردىن باشقا يەنە تونۇلغان تۈركشۇناس پروفېسسور در. مارسەل ئەردال ئەپەندى «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكولوگىيىسى»، ياپون ئۇيغۇرشۇناسى پروفېسسور دائىماتسۇيى ئەپەندى «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تېكىستلىرىدىكى قانۇن ئاتالغۇسى بورۇن-لۇق سۆزى ھەققىدە»، پروفېسسور جەۋات قايا ئەپەندى «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشىدىكى مەسىلىلەر» تېمىسىدىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئۇيغۇرلاردىن بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن پروفېسسور لىتىپ توختى ئەپەندى، پروفېسسور مەترېھىم سايىت ئەپەندى، ھازىر گېرمانىيىدە ئىشلەۋاتقان دوكتور ئابدۇرېشىت ياقۇپ، دوكتور ئابلەت سەمەت ۋە دوكتور ئايسىما مىرسۇلتان قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇپ چىقتى.

بۇلاردىن باشقا يەنە بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن پروفېسسور ئەركىن ئاۋگالى، دوكتور دىلانا ئىسراپىل خانىم ۋە دوكتور رازىيە نۇرى خانىم قاتارلىقلار قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلشۇناسى سىڭقۇ شېلى تۇتۇڭ ھەققىدىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. تۈركىيە بېيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم بولسا سىڭقۇ سېلى تۇتۇڭنىڭ تەرجىمە ئۇسلۇبى ھەققىدە سۆز قىلدى.

6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۈركىيىدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس يىغىن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە شۇنداقلا تۈرك مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ تەرىپلەنمەكتە.