خوتەن قەغىزى بارغانچە ئېتىبارغا ئېلىنماقتا
2007.09.25
مۇبارەك رامىزان ئېيى كىرىشى بىلەن تۈركىيىدە تۈرلۈك چوڭ فېستىۋال ھەم بۈيۈك يەرمەنكىلەر داۋام قىلماقتا.
ئىستانبۇلدا 13 - سېنتەبىردىن 13 - ئۆكتەبىرگىچە بىر ئاي داۋام قىلماقچى بولغان مىللەتلەر قول ھۈنەرۋەنچىلىك ، مەدەنىيەت يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەم قول ھۈنەرۋەنچىلىك ، گۈزەل سەنئەت بويۇملىرى ۋە ئىككى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر خوتەن قەغىزىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.
ئىستانبۇلدا داۋام قىلىۋاتقان مەزكۇر خەلقئارالىق يەرمەنكىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت بويۇملىرىنىڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ، تۈركىيىدىكى داڭلىق ئەينەك سەنئەتچىسى ۋە ئۇيغۇر قەغەزچىلىك مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ يەرمەنكە توغرىسىدا مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.
ئوغۇزخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر يەرمەنكىدە ھەم باشقا مەدەنىيەت ساھەسىدە خوتەن قەغىزى بارغانچە ئېتىبارغا ئېرىشىشكە باشلىغان
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ يەرمەنكە توغرىسىدىكى تولۇق مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى تۈركچىدە نەشىر قىلىندى (2)
- قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق رەسسام ھاشىمجان قۇربانوفنىڭ ئىجادى ھاياتى توغرىسىدا
- ئەسلىنى ساقلاپ قالغان ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدىن ھۇزۇر ئېلىڭ
- خوتەندە ئۆتكەن ئابدۇلخەمىت داموللام ھەققىدە
- خىتاي، ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش باشلىدى
- ئۇيغۇر تائاملىرى نيۇ-يوركتا
- شىۋىتسىيىدە، ئۈمىد يۇلتۇزى ناملىق مەدەنىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
- ساما ئۇسسۇلى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىغا يېيىلىۋاتامدۇ؟
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى
- زۇنۇن قادىرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەسەرلىرى ئېنگلىز تىلىدا ئېلان قىلىندى