قاھىرە شەھىرىنىڭ ئازادلىق مەيدانى يەنە نامايىشچىلار بىلەن تولدى

مىسىر خەلقى 2011-يىلى 25-يانۋار كۈنى مىسىر رەئىسى مۇھەممەد ھۆسنى مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىپ كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلىشنى باشلىۋەتكەن ۋە 11-فېۋرال كۈنى مۇبارەكنى تەختتىن چۈشۈرگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

شۇنىڭدىن بىرى ھەر جۈمە نامايىش داۋام قىلىپ كەلدى. چۈنكى مىسىرلىقلارنىڭ تەلىپى رەئىس مۇبارەكتىن قۇتۇلۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى مۇبارەك ھاكىمىيىتىدىن، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى، ھەربىي قىسىملاردىكى ۋە ھەر بىر مىنىستىرلىقتىكى مۇبارەك يانداشلىرىدىن قۇتۇلۇش، ئۇلارنى مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلاش ۋە ئۇلارنى قىلغان بارلىق يولسىزلىقلىرى سەۋەبلىك سوتلاشنى تەلەپ قىلىش ئىدى. شۇڭا ئۇلار مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشۈپ بېرىشى بىلەن كۇپايىلىنىپ قالمىدى ۋە ھەر جۈمە نامايىشلىرىنى داۋام قىلدۇردى. مىسىرلىق نامايىشچىلار 25-يانۋاردىن بىرى ھەر بىر جۈمە كۈنى ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان ئىسىملارنى قويغان بولۇپ، 2011-يىلى8-ئاپرېل جۈمە كۈنىنى « مۇھاكىمە قىلىش جۈمەسى» دەپ ئاتىدى. ئۇلار بۈگۈنكى نامايىشىدا سابىق رەئىس مۇھەممەد ھۆسنى مۇبارەكنى سوتلاشنى تەلەپ قىلغان.

مىسىرلىقلار مۇبارەكنى سوتلاشنى تەلەپ قىلماقتا

قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ قاھىرە شەھىرىدىكى مۇخبىرى سالىھ ئابدۇ 2011-يىلى8-ئاپرېل جۈمە كۈنى قاھىرەنىڭ ئازادلىق مەيدانىدىن بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:« مىسىر خەلقى 25-يانۋار كۈنىدىن بىرى ئازادلىق مەيدانىنى خالى قالدۇرمىدى، ئۇلار ھەر جۈمە كۈنى يېڭى-يېڭى تەلەپلەر بىلەن مەيدانغا چىقىپ، ھەر بىر جۈمەگە بىردىن ئىسىم قويۇپ كەلدى. بۇ جۈمەنى ئۇلار«مۇھەممەد ھۆسنى مۇبارەكنى مۇھاكىمە قىلىش جۈمەسى»دەپ ئاتىدى. مىسىرلىق نامايىشچىلارنىڭ تەلىپى مۇبارەكنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى يانداشلىرىنىڭ ھەممىسىنى مەنسەپلىرىدىن ئېلىپ تاشلاش، ھەتتا مۇبارەكنىڭ ھاكىمىيىتى داۋام قىلىۋاتقان چاغلاردا مەنسەپكە چىقىرىلغانلارنىمۇ بىر-بىرلەپ مەنسەپتىن چۈشۈرۈپ باشلىقلىرىنى ئەركىن سايلام بىلەن سايلاپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلار قەدەممۇ ‏- قەدەم غەلىبە قىلىپ تەلەپ قىلغانلىرىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.»

ھۆسنى مۇبارەكنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ 4-رەئىسى مۇھەممەد ھۆسنى مۇبارەك 1928-يىلى 4-ماي كۈنى مىسىرنىڭ مۇنۇفىيە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 1949-يىلى مىسىردا ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكىنىدىن بىر يىل كېيىن، ھاۋا ئارمىيىسى تەركىبىدە تەلىم ئالغان، 1964-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ھەربىي ساھەدە بىلىم ئاشۇرغان. مۇھەممەد ھۆسنى مۇبارەك تۇنجى ۋەزىپىسىنى مىسىرنىڭ ئېرىش شەھىرىدە ھاۋا ئارمىيىسى قوماندانى سۈپىتىدە باشلىغان بولۇپ، ئاخىرى مىسىر ھاۋا ئارمىيە قىسمىنىڭ باش قوماندانى بولغان ۋە 1973-يىلىدىكى مىسىر-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدا مىسىر ھاۋا قىسىملىرىغا قوماندانلىق قىلغان. 1975-يىلى مىسىرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى رەئىسى ئەنۋەر سادات مۇبارەكنى مۇئاۋىن رەئىس قىلىپ تەيىنلىگەن ۋە1981-يىلى 6-ئۆكتەبىر ئەنۋەر سادات ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، مۇھەممەد ھۆسنى مۇبارەك مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە مىسىر ھەربىي كۈچلىرىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك قوماندانى بولۇپ تەختكە ئولتۇرغان.

مۇبارەك ئەڭ ئۇزۇن ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغانلارنىڭ بىرى

مىسىرنىڭ سابىق رەئىسى مۇھەممەد ھۆسنى مۇبارەك ئەرەب دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن ھاكىمىيەت بېشىدا ئولتۇرۇپ ھازىرغىچە ھاياتتا بولغانلاردىن لىۋىيىنىڭ كازافىيسى، ئومان سۇلتانى قابۇس، يەمەن رەئىسى ئېلى ئابدۇللا سالىھلاردىن قالسا، تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن ۋە مىسىر پادىشاھلىرىدىن مۇھەممەد ئېلى پاشادىن قالسا، مىسىردا ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرگەن شەخس بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.