5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى يۈز بەرگەن مەزگىللەردە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلمىغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى مەزگىلىدە خىتاينىڭ قانۇن-تۈزۈم ئورگانلىرى، ساقچى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىلى خەلقىگە قانداق يولسىزلىقلارنى قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن ھازىرغا قەدەر تولۇق يۈز كۆرۈشەلمەي كەلدى.
ئەينى يىللاردىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5-فېۋرال غۇلجا نامايىشى يۈز بەرگەن مەزگىللەردە، كىشىلەرنىڭ قوشنا يېزىدا نېمە ۋەقە بولۇۋاتقانلىقى ئەمەس، ھەتتا قوشنىسىنىڭ ئۆيىدە نېمە بولۇۋاتقانلىقىدىنمۇ خەۋەردار بولالمايدىغان ئەھۋالنىڭ شەكىللەنگەنلىكى مەلۇم.
ناھەقچىلىككە چىدىمىغان موماي ئۆيىدىكى مەشنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇۋەتكەن
1997-يىلى 6-فېۋرال كۈنى ئايالى مۇبارەك بىلەن بىر ياشتىن ئاشقان ئوغلىنى ئېلىپ، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ توخۇچىيۈزى يېزىسىدىكى ئاتا-ئانىسى مۇتەللىپ ئائىلىسىگە ئايەملەپ كەلگەن ئابدۇرازاقنىڭ، ئۆزىنى قايتا تۈرمىگە قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەن ئىلى ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەربىك بىلەن مۇنازىرىلىشىپ قېلىشى نەتىجىسىدە، ئابدۇرازاقنىڭ دادىسى ئابدۇمۇتەللىپ، ئاكىسى، ئابدۇرازاق ئۆزى ۋە يەنە بىر ئاغىنىسىنىڭ خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدەك پاجىئە يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ ناھەقچىلىككە چىدىمىغان ئابدۇرازاقنىڭ 70 ياشلىق ئانىسى ئۆيىدىكى مەشنى كۆتۈرۈپ چىقىپ خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئاپتوموبىلىغا تاشلاپ، ئوت قويۇۋەتكەنلىكىدەك بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ ھەقتە ئەينى چاغدا توخۇچىيۈزى يېزىسىدا تۇرغان ئۆز ئىسىم شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شاھىت ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.
مومايغا خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئوت قويغان دېگەن جىنايەت بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن
ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، مومايغا خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇۋەتكەن دېگەن جىنايەت بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن بولۇپ، موماينىڭ كېيىنكى ئەھۋالىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوق. ئەمما، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شاھىت، موماي ھەققىدە بىلگەنلىرىنى ئاڭلاتتى.
بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.