خىتاي ھۆكۈمىتى ئازسانلىق مىللەت قەلەمكەشلىرىدىن سىياسىي مەقسەتتە پايدىلانماقتا

ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىۋاتقان مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، 3-ماي ئۈرۈمچىدىكى شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسىدە «شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىجادىيىتى ۋە مىللىيچە-خەنزۇچە تەرجىمە ئەسەرلەر قۇرۇلۇشى» نىڭ تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

0:00 / 0:00

2001-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە پارتكومى «شىنجاڭ مىللەت ئىجادىيىتى ۋە مىللىيچە-خەنزۇچە تەرجىمە ئەسەرلەر قۇرۇلۇشى» نى يولغا قويغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنى يۆلەپ، ئۇلارنى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، گۈزەل يۇرت ماكان قۇرۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش» ۋە ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە ھەم ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ نۆۋەت تۇنجى تۈركۈمدە مۇشۇ خىلدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەردىن نەشردىن چىققان 28 يۈرۈش ئەسەر تارقىتىلغان. بۇنىڭغا دائىر خەۋەرلەردە قايسى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ قانداق ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «شىنجاڭ مىللەتلەر ئىجادىيىتى ۋە مىللىيچە-خەنزۇچە تەرجىمە ئەسەرلەر قۇرۇلۇشى» غا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن كىملەرنىڭ قايسى ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەنلىكى، يازغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قانداق شەرتلەر ئاساسىدا تاللانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇرلاردىن كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىي ئوبزورچى مەمەت پولات ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق، ئەمما ئۇ كىشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسىدە يۈز بەرگەن بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار بىرلەشمىسى بۇ يىل ئىچىدە يازغۇچى سەنئەتچىلەردىن 1000 كىشىنى تەربىيىلەش پىلانىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

تۇنجى قارار تەربىيىلەش كۇرسى7-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە ئېچىلغان. كۇرستا ئۈرۈمچى، شىخەنزە، ساۋەن، قاراماي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن نەسىر يازغۇچىلىرى تەربىيىلەنگەن. مەزكۇر كۇرستا ئۇلارغا ئاساسەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە-ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى، نۆۋەتتىكى سىياسىي-ئىجتىمائىي ۋەزىيەت، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە شىنجاڭ تارىخى دېگەن تېمىلاردا سىياسىي تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلغان.

دائىرىلەر يەنە ھەر قايسى مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ «ئىناق ئۆتۈپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ماس تەرەققىي قىلىپ بىرلىكتە گۈزەل ماكان قۇرۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىشى كېرەك» لىكى بۇنىڭغا خىتاي پارتىيە-ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ ۋە شارائىت جەھەتتىن ياردەم ھەم ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇر قەلەم مەركىزىنىڭ رەئىسى قەيسەر ئۆزھون ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي رېئاللىقنى، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئەدەبىي ئەسەر ۋە يازغۇچىلارنى قامال قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى تۈرلۈك بېسىم بىلەن دەخلىگە ئۇچرىتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىدە سۈنئىي ھالدا «ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش» تەك سىياسىي تەشۋىقات مۇددىئاسىنى تەنقىد قىلىپ: خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقىي قەلەمكەشلەرنى تۈرمىگە ئېلىپ يوقىتىپ، ئۆزىنىڭ ئوردا يازارلىرىنى بازارغا سېلىشقا تەييارلىماقتا، دېدى.