ئېچىلىش مۇراسىمى بريۇسسېل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يىغىن زالىدا كەچ سائەت 18:30 بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا بريۇسسېل شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى نۇتۇق سۆزلەپ، ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن قەلەمكەشلەرنى بۇ قېتىمقى يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن قۇتلۇقلىدى. مۇراسىمغا خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىگە قاراشلىق، بەش قىتئەدىن كەلگەن 145 قەلەمكەشلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى قاتناشتى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى قەيسەر ئۆزھۇن باشلىق تۆت نەپەر كىشى ئىشتىراك قىلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كەچ سائەت 20:00 بىلەن شەھەر باشلىقى قەلەمكەشلەر شەرىپىگە زىياپەت بەردى. زىياپەت زالىغا توپلانغان يۈزلىگەن قەلەمكەشلەر ۋە قەلەمكەشلەر بىلەن ئىش بىرلىكى قۇرغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تاماقتىن كېيىن بېلگىيىنىڭ يەرلىك سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى ۋە دۇنيادىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن چەكلەنگەن ناخشىلارنى ئاڭلىدى.

بۇ قېتىمقى خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزى تۈرمىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش يىغىنىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى بېلگىيە يازغۇچىلار بىرلەشمىسى، بېلگىيە قەلەمكەشلەر مەركىزى شۇنداقلا ئىكورن، ھالما، پاسساپورت قاتارلىق تەشكىلاتلار ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، كەچلىك مۇراسىمدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن تۈرمىلەرگە تاشلانغان ۋە ھەرخىل شەكىلدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قەلەمكەشلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى. جۈملىدىن خىتاي تۈرمىسىدىكى ليۇ شاۋبو ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇرمۇھەممەت ياسىن قاتارلىقلار ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ « ياۋا كەپتەر» ناملىق ئەسىرىدىن ئۈزۈندىلەر ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
3-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 9:30 دا، بېلگىيە شەھەر مەركىزىدىكى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەۋەلىكىدىكى بىر زالدا 9-نۆۋەتلىك تۈرمىدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش يىغىنى رەسمىي باشلاندى. يىغىندا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ، ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن مەشھۇر يازغۇچىلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ھەم ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىللىرى نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەردە تۈرمىدە يېتىۋاتقان قەلەمكەشلەرگە ئەركىنلىك تىلىدى. مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە بولغان نەپرەتلىرىنى بىلدۈردى.
باشلىنىش سائەتلىرىدىلا ھەممىنىڭ نەزىرى خىتاي ۋە خىتايدىكى قەلەمكەشلەر مەسىلىسىگە مەركەزلەشتى. يىغىن كۈنتەرتىپىگە بىنائەن سۆزگە چىققان ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن يازغۇچىلار بىردەك ھالدا خىتاينىڭ مۇستەبىتلىكى ئۈستىدە ۋە تۈرمىدىكى ھەقسىزلىققا ئۇچرىغان يازغۇچىلار توغرىلىق سۆزلىدى.
خىتاي قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى لياۋ خانىمنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى.
سائەت 11:30 دا خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ مەخسۇس يىغىنى باشلاندى. يىغىندا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى قەلەمكەشلەر مەركەزلىرىنىڭ خىزمەتلىرىدىن دوكلاتلار بېرىپ ئۆتۈلدى.
يىغىندا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ سىياسىي ۋەزىيەتلىرى، قەلەم ئەھلىلىرىگە چۈشۈۋاتقان بېسىملار، قولغا ئېلىنغان، يېزىش ھەقلىرى چەكلەنگەن يازارلار مەسىلىلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىن ئەھلى ۋەزىيەتلەر توغرىسىدا مەلۇماتلار بەرگەن يازغۇچىلاردىن مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سوراپ، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئىچكىرىلەپ چۈشىنىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشتى.
يىغىندا يەنە، خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ 2010-يىلى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدىن بۇيانقى پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى.
2009-2010-يىللىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، قولغا ئېلىنغان قەلەمكەشلەرنىڭ ئەھۋاللىرى چوڭ ئېكراندا كۆرسىتىلدى.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزى تەركىبىدىكى قەلەمكەشلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى، بولۇپمۇ تۈرمىدىكى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قەلەمكەشلەرنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى تىلغا ئېلىندى.
چۈشتىن كېيىنلىك يىغىن سائەت 14:30 دا باشلاندى. ناھايىتى قىزىقارلىق بولغىنى، سائەت 14:40 تا ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ھەئىدى ھائۇتالا خانىم بىلەن خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ پرېزىدېنتى جوھن رالستون سائۇل ئەپەندى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرە بولدى. ئۇلار سەھنىگە چىقىپ، دۇنيا قەلەمكەشلىرى ۋە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسى توغرىلىق يېرىم سائەت مۇنازىرە ئېلىپ باردى. جوھن ئەپەندىنىڭ سوئاللىرىغا ھەئىدى خانىم ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى نامىدىن جاۋاب بەردى.
ھەئىدى خانىم خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ دۇنيا تىنچلىقى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن قەلەمكەشلەر ئۆز دۆلىتىدىكى كىشىلىك ئەركىنلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدا ۋە ئۆزلىرىنىڭ قەلەمكەشلەر بىرلىكىنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق دوكلاتلار بەردى.
ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ئەللىرىدە بولۇۋاتقان ياسىمەن ئىنقىلابى توغرىسىدىمۇ مۇھاكىمە-مۇلاھىزىلەر ئۆتكۈزۈلدى.