خەلقئارا ئۇرال - ئالتاي قەلەمكەشلىرى يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

ئۇرال - ئالتاي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان قەلەمكەشلەرنىڭ يىغىنى 8 ‏ - ئاينىڭ 25 ‏ - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە باشلىنىپ 29 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ئوسمان ئابىدىسى مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009.08.31
Qelemkeshler-jemiyiti-Yighin-zali-305.jpg ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ "ﺋﻮﺭﺍﻝ ‏- ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﻟﻪﻣﻜﻪﺷﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻦ 3 ‏- ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

يىغىندا ئاساسلىقى، كىشىلىك ھوقۇق، قەلەمكەشلەرنىڭ دېموكراتىك  ھەق ‏ -  ھوقۇقلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئوقۇش، يېزىقچىلىق ئەركىنلىكى  شۇنداقلا پىكىر ئەركىنلىكى، يېزىقچىلىق پرىنسىپلىرى ۋە قەلەمكەشلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە  2010 ‏ -  يىلى نۇرمۇھەممەد  ياسىن يىلى قىلىپ بېكىتىلگەن.   ئۇنىڭ  "ياۋا كەپتەر"  ناملىق ئەسىرىنى خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىگە ئەزا 156 دۆلەتتىكى مىللەتلەرنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىش ۋە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە نۇرمۇھەممەد  ياسىننى تۈرمىدىن ئازات قىلىش ئۈچۈن  تىرىشچانلىق كۆرسىتىش  ھەققىدە قارار ماقۇللانغان.

يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە، 8 ‏ -  ئاينىڭ 28 ‏ -  كۈنى ئىستانبۇلنىڭ تارىخى ئورۇنلىرى شۇنداقلا چەتئەللىك زىيارەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە قىزىقىپ زىيارەت قىلىدىغان، سۇلتان ئەخمەت مەسچىتى، ئاياسوفىيا مۇزېيى، توپكاپى سارىيى قاتارلىق تارىخى ئورۇنلار زىيارەت قىلىندى. قەلەمكەش زىيارەتچىلەرگە تۈركىيە قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ باشلىقى تارىق ئەپەندى يېتەكچىلىك قىلىپ،  تارىخىي ئورۇن ۋە مۇزېيلار ھەققىدە قەلەمكەشلەرگە مەلۇمات بەردى.

بىز يىغىن داۋام قىلىۋاتقان كۈنلەردە يىغىنغا بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ۋە يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ يىغىن ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندا، يىغىنغا كۆزەتچى سۈپىتىدە قاتناشقان ئامېرىكا دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى دېرىكتورى لوئىيسا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ۋە بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدىكى پىكىر كۆز ‏ -  قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "مەن بۇ بىر ھەپتىدىن بېرى "خەلقئارالىق ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر كۇلۇبى" نىڭ بىرىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتىمەن. گەرچە، بۇ كۇلۇب سان جەھەتتىن ناھايىتى ئاز ئەزالاردىن تەركىب تاپقان بولسىمۇ،  ئەمما ئۇلار ئەزەلدىن يۈز - تۇرانە ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن. "قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى" نىڭ تۈزۈملىرىگە ئاساسەن  كەلگۈسى ئىككى يىل ئۈچۈن پىلان تۈزۈش، دېموكراتىك بىر شەكىلدە رەھبەرلىك قاتلىمىنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن  كەسپىي ئەزالىق ئۇچرىشىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى ۋە بۈگۈن بۇ خىزمەتلەر تاماملاندى. مەن بۇ، ناھايىتى ياش ۋە كىچىك تەشكىلاتنى دېموكراتىك تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغانلىقى ۋە ئۆزىنى پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز ئەركىنلىكىنىڭ ئاۋازى سۈپىتىدە قۇرۇپ چىققانلىقى ئۈچۈن تەبرىكلەيمەن. ئوخشاش  ۋاقىتتا يەنە بۇ يېڭى، ياش ۋە قۇرۇلغىنىغا 3 يىلمۇ بولمىغان، ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئاللىقاچان "ئۇرال  -  ئالتاي تىللىرى ھەمكارلىق قۇرۇلۇشى" دەپ ئاتالغان بىر خەلقئارالىق يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلىشقا باشلىدى ھەمدە بىشكەك قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، تۈركىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە خەلقئارالىق قەلەمكەشلەر ئىشخانىسى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىق ئورناتماقتا."

يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن بىر قانچە ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر يىغىننىڭ ئاخىرلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، ئەھمىيىتى، يىغىندا ماقۇللانغان قارارلار ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.  

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.