'‏5 - ئىيۇل' دىن كېيىن قەلەمكەشلەر نۇقتىلىق ھۇجۇم نىشانى بوپقالدى

خىتاي 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر قانچە قاتلىمىغا نۇقتىلىق زەربە بەرمەكتە. بۇنىڭ بىرى 5 - ئىيۇل نامايىشىغا بىۋاستە قاتناشقان ۋە سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان ئاكتىپ ياشلار؛ يەنە بىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ جامائەت پىكىرىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان زىيالىيلار؛ بولۇپمۇ تور ۋە مەتبۇئات ۋاستىسى ئارقىلىق جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان قەلەمكەشلەر.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدىكى دوكلاتىدا، ئۇيغۇربىز تورى ۋە دىيارىم تورىنى قۇتراتقۇلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن ۋە بۇ ئىككى تور بېكتىنىڭ ساھىبىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تاقىۋېتىلگەن.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ باشلىقى قەيسەر ئابدۇرۇسۇلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى چوڭ - كىچك ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىڭ سانى ئىككى يۈزدىن ئارتۇق. نۆۋەتتە بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تاقىۋېتىلگەن. تور بەتلەرنىڭ تاقىلىش نىسبىتىگە ئاساسەن تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش نىسبىتىنى تەخمىن قىلىش مۇمكىن. بۇ تەخمىنگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە قەلەمكەش تۇتقۇنلارنىڭ سانى ئاز دېگەندە يۈزدىن ئارتۇق.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر تور ۋە تېلېفون ئالاقىسىنىڭ كېسىلىشى، قەلەمكەشلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرىنىڭمۇ مۇلاھىزە تىمىسى. خىتايدىكى خەينەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇچۇرشۇناس بى يەنداۋ بۇ مەسىلىگە ئىزچىل دىققىتىنى بېرىپ كېلىۋاتقان بىر تەتقىقاتچىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر - ئالاقىنى مۇھىم دەپ بىلىشى توغرا، چۈنكى بىر ھاكىمىيەت، ئىقتىساد، ئارمىيە ۋە ئاخباراتتىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچكە تايىنىپ مەۋجۇدىيىتىنى داۋام قىلىدۇ.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتنى باشقۇرۇشى، جۈملىدىن ئۇچۇر ئالاقىنى كېسىۋىتىشى توغرا ئەمەس. بى يەنداۋ بوشۈن تورىدىكى بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە، ئۇچۇر ئالاقىنى كېسىش ۋە قەلەمكەشلەرنى جازالاشنىڭ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن پەقەتلا ۋاقىتلىق بىر چارە ئىكەنلىكىنى، مەڭگۈلۈك چارە بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.