ئانالىزچىلار خىتاينىڭ «قەشقەر ئالاھىدە ئىقتىسادى رايون» قۇرۇش پىلانىنى تەنقىد قىلدى
2012.01.02
خىتاي دۆلەت كابىنتى 2011-يىلى 10-ئايدا قارار ماقۇللاپ، «قورغاس بىلەن قەشقەردە ئىقتىسادى تەرەققىيات رايونى قۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» نى رەسمىي تەستىقلىغان ئىدى. گەرچە ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى رەسمىي تەشۋىقات ئەپكارلىرىدا «قەشقەر-قورغاس ئالاھىدە ئىقتىسادى رايونى» قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي دۆلەت كابىنتى ئېلان قىلغان يۇقىرىقى ھۆججەتتە بۇ ئىككى رايوننىڭ شتاتى «ئىقتىسادى ئېچىش رايونى» دەپ تىلغا ئېلىنغان. بەزى ئانالىزچىلار بۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر بىلەن قورغاسنى شىنجېنغا ئوخشاش «ئالاھىدە ئىقتىسادى رايون» قىلىپ ئۆزگەرتىش پىكرىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتمەكتە.
گەرچە، قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى چېن شۈگۇاڭ، خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ ھۆججىتىدە قەشقەرنىڭ ئورنى «ئالاھىدە ئىقتىسادى رايون» دەپ ئاتالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، «بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادى ئېچىش رايونى بولۇشتەك ئورنى ئۆزگىرىپ قالمايدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق مۇتەخەسسىسلەر «ئالاھىدە ئىقتىسادى رايون» بىلەن «ئىقتىسادى ئېچىش رايونى» قانۇنى ۋە ئىقتىسادى ئىمتىيازى پەرقلىق ئىككى خىل ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ستەيت سترېت بانكىسىنىڭ سابىق بازار ئانالىزچىسى، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور كاندىداتى پەرھات بىلگىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى كۆز قارىشىنى چۈشەندۈرۈپ، «ئىقتىسادى ئالاھىدە رايون»لارغا ئېكسپورت-ئىمپورت، سەرمايە ۋە ئەركىن سودىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان قانۇنىي ھوقۇق بېرىدىغانلىقىنى، بىراق نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا بۇنداق مۇمكىنچىلىك مەۋجۇت دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق مىللىي زىددىيەتنى پەسەيتىپ، ئىجتىمائىي ئەمەنلىككە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. قۇرۇلماقچى بولغان قەشقەر ۋە قورغاس «ئالاھىدە ئىقتىسادى رايونى» نىڭ بۇ يولدىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، قەشقەرنى خەلقئارا دەرىجىلىك چوڭ شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش خىتاينىڭ 12-5 يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بىراق، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نىشانغا قانداق يېتىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر ئىقتىسادى تەرەققىياتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق كونكرېت سىياسەت ۋە پىلان ئېلان قىلىپ باقمىغان ئىدى. ھالبۇكى بۇ نۇقتا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى جىددىي ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.
ياپونىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، مەيلى «قەشقەر ئالاھىدە ئىقتىسادى رايونى» قۇرسۇن ياكى «قەشقەر ئىقتىسادى ئېچىش رايونى» بەرپا قىلسۇن، ئىشقىلىپ، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپلەپ كۆچمەنلەرنى يۆتكەپ كېلىش، ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرىلەپ ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش، بۇ ئارقىلىق رايوننى ئىلگىرىلەپ كونترول قىلىشىنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر پىلاننى يولغا قويۇشتىكى مەقسەت-مۇددىئاسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل گۇمانىنى قوزغاپ كەلدى. ئانالىزچىلار بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر پىلانىدا جاۋابسىز قالغان نۇرغۇن مەۋھۇم نۇقتىلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. يېقىندا قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى چېن شۈگۇاڭ، بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ، مەركەزنىڭ قەشقەر ئىقتىسادى ئالاھىدە رايونى قۇرۇش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئۇلارغا دۆلەتنىڭ مېھرى شەپقىتىنى ھېس قىلدۇرماقچى بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
لېكىن، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى نوقۇل ئىقتىسادى مەسىلە ئەمەس. ئۇ مەدەنىيەت، دىن، تىل، تارىخ، سىياسىي ۋە باشقا ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك مەسىلىدۇر.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر پىلان ئۇيغۇرلارغا زور ئىقتىسادى مەنپەئەت يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، بىراق ئىقتىسادى تەرەققىيات ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن نۇرغۇن نۇرغۇن چەتئەللىك ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىغا ھۆرمەت قىلىشىنى، ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئۇلارنىڭ قارار قىلىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان يولغا قويغان سىياسىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ئىدى.