قېقىنۇس سىدىق: ئانامغا بېرىلگەن 'ئەركىنلىك مۇكاپاتى'دىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.06.21
2010.06.21

RFA Photo / Eqide
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كەنجى قىزى قېقىنۇس خېنىم، ئانىسىغا ۋاكالىتەن ئىتالىيىنىڭ لۇكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ئىتالىيىدىكى خەلقئارا Societa Libera تەشكىلاتى يەنى ئىجتىمائىي ئەركىنلىك تەشكىلاتىنىڭ " ئەركىنلىك" نامىدىكى مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
ئامېرىكا George Town University پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ 3 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان قېقىنۇس خېنىمنىڭ بىزگە ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ تۇنجى قېتىم دادىسىدىن ئانىسىنىڭ قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا، ئىچىدە " ياق مېنىڭ ئانام، ئۇنداق ئاددىي بىر ئايال ئەمەس، ئۇ تولىمۇ كۈچلۈك بىر ئايال، خىتايلار ئۇنىڭدىن قورقىدۇ، ئۇ چوقۇم بىر ئامال قىلىپ، تۈرمىدىن چىقىپ، ئامېرىكىغا مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىدۇ " دەپ ئويلىغان ئىكەن.
بىراق كۈنلەرنىڭ ھەتتا يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان قېقىنۇس، 8 يىللىق گۆدەك ھاياتىنى ئانىسىز ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئانىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بارلىق سىياسىي ھەرىكەتلەر ئىچىدە ئۆتكۈزگەن ئىدى.
قېقىنۇس ھەر دائىم، ئۆزىنىڭ 12 يىلدىن بۇيان تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتىغا بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغانلىقى، ئۇرۇق - تۇغقان قېرىنداشلىرىنى بولۇپمۇ خىتاي تۈرمىسىدە قېيىن - قىستاق ئاستىدا ياشاۋاتقان ئىككى ئاكىسىنى چەكسىز سېغىنغانلىقىنى ئېيتىپ كۆز يېشى قىلاتتى.
مانا مۇشۇنداق ئۆز مىللىتى ئۈچۈن سىياسىي بەدەل تۆلىگەن بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن قېقىنۇس خېنىم، ئانىسىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئىتالىيە خەلقىگە يەتكۈزگەنلىكىدىن ئىنتايىن پەخىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
قېقىنۇس خېنىمغا ھەمراھ بولۇپ، ئىتالىيىگە بارغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، Societa Libera تەشكىلاتىنىڭ "ئەركىنلىك مۇكاپاتى"نى ئانىسى ئۈچۈن قوبۇل قىلغان ۋە سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلغان قېقىنۇس خېنىم ھەققىدە ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىتالىيە Societa Libera تەشكىلاتىنىڭ 2010 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى، ئۆز ئانىسى ئۈچۈن تاپشۇرۇپ ئالغان كىچىك ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى قېقىنۇس خېنىمنىڭ، مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىكى تەسىرلىك نۇتقى ئىتالىيە خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ روشەن يورۇتۇپ بەرگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.