3-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ تەييارلىق باسقۇچلىرى تاماملاندى

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنى 19-ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان مەدەنىيەت ۋە سەنئەت مەركىزىدە باشلىنىدۇ.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىن بولۇ شەھىرىنىڭ ساياھەت رايونىدا 27-ئىيۇن كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. 8 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىن، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئۇيغۇر ئالىملار، ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار، شەرقىي تۈركىستان كۈرىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار قاتنىشىدىكەن.

بۇ يىغىن ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، يىغىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، ۋەتەن ئىچى ۋە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي چۈشەنچە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، دىنىي ئېتىقاد، مىللىي كىملىك، مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چارە-تەدبىر ئىزدەش. شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە زىيالىيلار بىلەن بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ھەر ساھەدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا بەس - مۇنازىرە قىلىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش، دۇنيا لىدەرلىرىنى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئادالەتسىزلىك، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە بېسىم سىياسەتلەرگە خاتىمە بېرىشتە كۈچلۈك بىر رول ئويناشقا ئۈندەشتىن ئىبارەت ئىكەن.

دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ناملىق بۇ يىغىن نېمە ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلدى؟ بۇ يىغىننىڭ تەييارلىق باسقۇچلىرى قانداق كېتىۋاتىدۇ؟، ئۆتكەن يىلى ئوخشاش نامدا ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىن بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قانداق ئوخشاشماسلىق پەرقى بار؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.