قەشقەردە خىتاي ساقچى ۋە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

خىتاي ۋە چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى قەشقەر شەھىرىدە خىتاي ساقچى ۋە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن . تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ۋەقەدە خىتاي تەرەپتىن 8 كىشى ئۆلگەن، 28 كىشى يارىدار بولغان.

0:00 / 0:00

ھۇجۇمچىلاردىن 4 نەپىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، 4 نەپىرى ئەسىر چۈشكەن، 4 نەپىرى قېچىپ كەتكەن. خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ۋەقەنىڭ 1 ‏-كۈنى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياش، قەشقەر شەھىرىدىكى يېڭى بازار دوقمۇشىدا، بىر ئاپتوموبىلنى بۇلاپ ئېلىپ، يول ياقسىدىكى خىتاي ساقچى ۋە پۇقرالىرىغا سوققان. ئارقىدىن ئاپتوموبىلدىن سەكرەپ چۈشۈپ قوللىرىدىكى پىچاق بىلەن يولدا كېتىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلغان. شۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا 6 كىشى ئۆلگەن .

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىم ۋەقەگە قارىتا دەسلەپكى ئىپادىسىنى بىلدۈردى: ئۇ سۆزىدە ۋەقەنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى، شۇڭا ۋەقەدە ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەنلەرنىڭ جاۋابكارى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.