تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، رايوننىڭ يېڭى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئىككى يىللىق خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە رايوندىكى ھەر مىللەتنىڭ خەلقىنىڭ جاڭ چۈنشيەننىڭ خىزمەتلىرىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە دوكلات سۇنغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەھۋال ئىگىلەش داۋامىدا، قەشقەر ئاھالىلىرىنىڭ جاڭ چۈنشيەن ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى ئېنىقلاپ كۆردى. تۆۋەندە بۇ ھەقتە تەييارلانغان پروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى.
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئەمەلدار ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ جاڭچۈنشيەننىڭ بىر قاتار پەرقلىق شوئار ۋە چاقىرىقلىرى تەشۋىق قىلىنغاندىن كېيىن، يېزىلاردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، جاڭ چۈنشيەن سۆزلىرىگە ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتۈش كەيپىياتى شەكىللىنىپ قالغان.
جاڭ چۈشيەن يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ۋە بېيجىڭدا شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ئېچىلغان مەزگىلدىكى بىر قەشقەر ئاھالىسىنىڭ ئىنكاسىدۇر. ئازغىنە كىشىلەردە پەيدا بولغان، بۇ ئۈمىدلىنىش كەيپىياتىمۇ، ئانچە ئۇزۇن داۋام قىلالمىغان. زېمىن بايلىقلىرىنىڭ ئالدىراقسانلىق بىلەن ئېچىلىپ قېزىلىشى، خىتاي زاۋۇت كارخانىلىرىنىڭ تېز قەدەمدە كۆپىيىشى ۋە كېڭىيىشى، ئەمما يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بۇ قۇرۇلۇشلاردىن ھېچقانداق پايدا ئالالماسلىقى، رايوندىكى چەكلىمە، تۇتقۇن ۋە باستۇرۇشلارنىڭ ئازراقمۇ يۇمشىماسلىقى، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كۆپ قىسمىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۈمىدسىزلىنىش ۋە غەزەپلىنىش كەيپىياتى شەكىللەنگەن.
ئۆستۈرۈلگەن ئەمەلدارلاردىن ئىسمائىل تىلىۋالدى بىلەن ئابلەت ئابدۇرىشىت، ئۆتكەن ھەپتە مەركىزى ھۆكۈمەتكە بەرگەن مەلۇماتىدا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ كەلگۈسى ئەمىنلىكى ۋە تەرەققىياتىدىن خاتىرجەم بولۇشقا چاقىرغان ئىدى. يۇقىرىقى بايانلار، مەزكۇر چاقىرىقنىڭ خاتا بولغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.