دىلشات: "قەشقەر - خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئالدىنقى سېپى بولۇپ قالدى"

خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى يېقىنلاشقانچە، بېيجىڭدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدە ئامانلىقنى قوغداش نامىدا تېخىمۇ جىددىي كەيپىيات يارىتىپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىدە بېيجىڭ ئولىمپىكىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قەستىدە يۈرگەن بەش تېررورلۇق تەشكىلاتنى تار ‏ - مار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسا، دۈشەنبە كۈنى بىر قىسىم خىتاي مەتبۇئات مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قەشقەر ۋىلايىتى پارتكوم سېكرىتارى خۇاڭ، قەشقەردە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 12 تېررورلۇق تەشكىلاتنى پاش قىلدۇق دېگەن ۋە" قەشقەر ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنىڭ ئالدىنقى سېپى " دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت زىيارىتىمىزنى قوبۇل مەخسۇس بايانات بەردى.

خۇاڭ:" قەشقەر ئالاھىدە جاي، ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنىڭ ئالدىنقى سېپى"

خىتاي شۇنداقلا چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن ھەمدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ رادىئومىزغا قىلغان ئىنكاسلىرىدىن مەلۇمكى، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ تىنچ ئامان ئۆتۈشى ئۈچۈن خىتاي مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى خەلقنى بىئارام قىلىۋاتقان بولسا، بېيجىڭدىن نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقتا بولغان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر يۇرتلىرىدا خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قوللىنىۋاتقان بىخەتەرلىك جىددىي تەدبىرلىرى ۋە بۇ جەرياندا يەرلىك خەلققە قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى نارازىلىق ھەم تەنقىدلەرگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

بۈگۈن خىتايچە سىنا خەۋەر تورىدا ئېلان قىلىنىشىچە، - 14 ئىيۇل كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرىتارى ۋە دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىسى خۇاڭ سەنپىڭ خىتاينىڭ بىر قانچە گېزىت ۋە ژۇرنال مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ " بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قەشقەردە 12 تېررورلۇق تەشكىلاتنى پاش قىلدۇق" دېگەن. مۇخبىرلارغا قەشقەرنىڭ ئالاھىدە ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم چېگرا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن خۇاڭ سەنپىڭ يەنە، " قەشقەر بەش دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدىغان جاي، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى، دىنىي ئەسەبىي ھەمدە تېررورچىلارغا قارىتا كۈرەش قىلىشىمىزدىكى ئالدىنقى سەپ ھېسابلىنىدۇ" دەپ چۈشەندۈرگەن.

خۇاڭ سەنپىڭ قەشقەردە پاش بولغان 12 تېررور تەشكىلات توغرىسىدا توختالغاندا، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى، ھېزبو تەھرىر، ھىجرەت دېگەنگە ئوخشاش خەلقئارالاشقان تېررورلۇق تەشكىلات ئەزالىرىنى قولغا چۈشۈردۇق " دېگەن.

دىلشات رىشىت: "خىتاي ئولىمپىكتىنمۇ پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورچى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا "

خۇاڭ سەنپىڭنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىدىن نارازى بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم پائالىيەتچىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو ‏ - تېلېۋىزىيىسى، تەيۋەن مەركىزى ئاخباراتى قاتارلىق بىر قانچە خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بايانات بەردى.

بۇ قاتاردا ئۇ رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، "قەشقەرنىڭ تارىخىي سىمۋوللۇق ئورنى ھەمدە قەشقەر خەلقنىڭ ھەر قانداق شارائىتتا ئۆز ئېتىقادى، مىللىي كىملىكى ھەم روھىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى خىتاينىڭ زەربە بېرىش نىشانى بولماقتا. قەشقەر كومپارتىيە سېكرىتارى خۇاڭنىڭ سۆزلىرى دەل قەشقەر دىيارىنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى ئالدىنقى سېپى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.