، بۇ رايوندىكى قەدىمىي ئۆيلەرنى چېقىشنى قارار قىلغان كۈندىن باشلاپ، ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ قەدىمىي شەھەر رايونىدىكى ئۆيلەرنىڭ چېقىلىشى خەلقئارا مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش جەمئىيەتلەرنىڭ ۋە ئەربابلارنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.
بۇ يىل 5 - ئاي مەزگىلىدە تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە بەس - مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى تارىخىي قىممەتكە ئىگە قەدىمىي ئۆيلەرنى ساقلاپ قېلىش ئۇچۇن ئىمزا توپلاش پائالىيىتىمۇ ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.
لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادىكى كۈچلۈك نارازىلىقلارغا قارىماي، قەشقەر كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش پىلانىدىن ۋاز كەچمىگەن، ھەم بۇ يىل 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بۇ رايوندىكى ئۆيلەرنى چېقىپ ئاھالىلەرنى يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق رايونلارغا كۆچۈرۈشكە باشلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئاراغا بەرگەن تەشۋىقاتلىرىدا، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ پىلانىنى قوللىغانلىقى، يېڭى ئولتۇراق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدىن رازى بولۇپ، رەھمەت ئېيتقانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر كۆپلەپ بېرىلىشكە باشلىغان. ئەمما چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە بولسا، قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ بۇ رايوننىڭ چىقىلىشىغا نىسبەتەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رادىئو، تېلېۋىزورلىرىدىكى تەشۋىقاتلىرىغا ئوخشىمايدىغان پىكىر ۋە قاراشلاردا ئىكەنلىكى ئەكس ئەتتۇرۇلمەكتە.
10 - ئاۋغۇست كۈنى يۇتۇپ تور بېكىتىگە ئاۋسترالىيىلىك جورنىيمەن (Journeyman) تەرىپىدىن قويۇلغان، "خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەردى" ناملىق 23 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىمدە، قەشقەر ھۆكۈمەت تەرەپ ئەمەلدارىنىڭ ۋە قەشقەردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى ئۆيلەرنىڭ چىقىلىشىغا نىسبەتەن ئوخشىمىغان پىكىرلىرى بايان قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى شەھەر قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل ئەمەلدارى، قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى قەدىمى ئۆيلەرنىڭ چېقىلىش سەۋەبىنى ئىزاھلاپ، بۇ ئۆيلەرنىڭ يەر تەۋرەش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بەرگىنىدە ئاپەتكە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئوتكەن يىلى خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەندەك قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرسە پۇقرالارنىڭ خەتەرگە يولۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ ئۆيلەرنى چېقىشنى قارار قىلغانلىقىنى،ھۆكۈمەتنىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا، يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داۋاملىق بۇ خىل خەتەرلىك ئۆيلەردە تۇرىۋېرىشىگە قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئەمما ياشانغان بىر ئۇيغۇر بوۋاينىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل غەمخورلۇقىغا قارىتا، چەتئەل مۇخبىرىغا بەرگەن جاۋابى باشقىچە بولۇپ، بۇ بوۋاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ھېچقاچان راست گەپ قىلمايدىغانلىقىنى،ئۇلارنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا ئەزەلدىن كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى بايان قىلغان.
مۇخبىر پروگراممىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، بۇ قەدىمىي شەھەر رايونىنىڭ چېقىلىشى سەۋەبلىك بۇ رايوندىكى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭمۇ يوقىلىشقا قاراپ يۈزلىنىدىغانلىقىنى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئارقىلىق بايان قىلغان. بۇ رايوندا ياشاپ، 400 يىللىق تارىخقا ئىگە ئاتا مىراس كۇلالچىلىق كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ يوقىلىشىغا بولغان ئەنسىرىشىنى ئىپادىلىگەن.
مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي ئەمەلدارى،ھۆكۈمەتنىڭ بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى كۆچۈشكە مەجبۇرلانمىغانلىقىنى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن يېڭى ئولتۇراق رايوندىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق راھەت ئۆيلەرگە كۆچۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
ئەمما مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار بولسا، بۇ رايوندىن كۆچۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىر بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېلىۋىزورلىرىدا تەسۋىرلىگەن خۇشال - خوراملىق بىلەن يېڭى ئولتۇراق رايوندىكى بىنالىق ئۆيلەرگە كۆچۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنىمۇ كۆرسىتىش بىلەن بىللە، يېڭى ئولتۇراق رايونلاردىكى سېلىنغىنىغا تېخى بىر يىل بولمىغان بولسىمۇ، سىرلىرى سويۇلۇپ چۈشۈشكە باشلىغان بىنالارنى كۆرسىتىپ، بۇ خىل ناچار ئۆيلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلىشىگە بولغان گۇمانىنى ئىپادىلىگەن.
مۇخبىر يەنە بۇ رايونغا كۆچۈپ كىرگەن ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چەتئەللىك بۇ مۇخبىرغا بەرگەن جاۋابى خىتاي تېلېۋىزورلىرىدا سۆزلىگەن ئۇيغۇرلارغا ئوخشىمايدىغان جاۋاب بولغان.
خىتاي ئەمەلدارى مۇخبىرنىڭ قەشقەر كونا شەھەر رايونى چېقىلغاندىن كېيىن، كەلگۈسىدە بۇ رايوندا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئەگەر بەش يىلدىن كېيىن مۇخبىر بۇ رايونغا قايتا كەلگىنىدە، بۇ يەرنىڭ يېپ - يېڭى بىر قىياپەتكە كىرىدىغانلىقىنى، يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېڭى ئولتۇراق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھەممە ئادەمنىڭ خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشىپ،بەختلىك ياشايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ۋەدىلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
23 مىنۇتلۇق بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئاخىرىدا، مۇخبىر ئۆز ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشە ھەم ئۈمىد ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىدە يۈز كېلىدىغان قىسمەتلىرىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، قەشقەرنىڭ بۇندىن كېيىن خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدىن پەرقسىز ھالدىكى زامانىۋى شەھەرگە ئايلىنىشى بىلەن، بۇ قەدىمىي شەھەردىكى ئەسلىدىكى قويۇق مىللىي ئەنئەنە ۋە ئۆرپ - ئادەتنىڭ يوقىلىشقا يۈزلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ فىلىمنى ئاخىرلاشتۇرغان.